ئاياللار كېسەللىكى

جىنسىي يول كېڭىيىپ كېتىش

     بۇ جىنسىي يولنىڭ كېڭىيىپ كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئەرنىڭ ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن كۆڭلى سۇۋۇپ كېتىدۇ.
    سەۋەبى: بۇ ئاساسلىقى ھۆللۈكنىڭ كۆپلىكى، كۆپ تۇغۇش، جىنسىي ئەزانىڭ بوشىشىپ كېتىشى، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپلۈكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 
   ئالامىتى: جىنسىي يول كېڭىيىپ كەتسە جىنسىي مۇناسىۋەتتە دېگەندەك لەززەت ھاسىل بولمايدۇ.
   داۋالاش پىرىنسىپى: ئەگەر ھۆللۈكنىڭ كۆپلىكىدىن بولسا قۇرۇتقۇچى دورىلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. باشقا سەۋەبتىن بولسا سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.     يەككە دورا بىلەن داۋالاش
   1. رېتسىپ: خۇلۇنجان، دارچىن، قەلەمپۇر ۋە سېرىق چېچەكتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، يەرلىك ئورۇن ھوردىلىپ بەرسە، جىنسىي ئەزا ئېغىزى ۋە جىنسىي يولنى قورۇيدۇ.
   2. رېتسىپ: سەئدى كۇفى، سۇمبۇل، دارچىن، قەلەمپۇردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئاندىن تۇخۇم سېرىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يەرلىك ئورۇنغا قويۇپ بېرىلسە، جىنسىي ئەزا ئېغىزى ۋە جىنسىي يولنى قورۇيدۇ.
   3. رېتسىپ: سەمغى ئەرەبى دەرىخىنىڭ پوستىدىن بىر كىلوگرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ، ھەيز كۈنلىرىدىن كېيىن مۇشۇ سۇ بىلەن كۈندە ئىككى قېتىم ۋاننا قىلدۇرۇلسا، جىنسىي ئەزا ئېغىزى ۋە جىنسىي يولنى قورۇيدۇ.
   4. رېتسىپ: زەپە، زەمچە، ئاقىرقەرھا ۋە كاۋاۋىچىندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كاپسۇلغا قاچىلاپ، كۈندە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا سېلىپ قويۇلسا، جىنسىي ئەزا ئېغىزى ۋە جىنسىي يولنى قورۇپ، ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ.
   5. رېتسىپ: پىلپىل، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، بەسباسە، خۇلىنجان، دارچىن ۋە قارىمۇچتىن 10 گرامدىن ئېلىپ، 500 گرام ھەسەل بىلەن قوشۇپ مائۇلھەل سەل قىلىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرام ئىستېمال قىلىپ بىرىلسە، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button