ئاياللار كېسەللىكى

قىزلىق پەردىنىڭ قاتتىقلىقى

    بۇ قىزلىق پەردىسى تەبئىي قاتتىق بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن جىنسىي مۇناسىۋەتتە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.
    سەۋەبى: تۇغۇلما قاتتىق بولۇش، جاپا- مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش، تاغلىق رايوندا ياشاش ۋە باشقىلار بۇنىڭغا سەۋەب بولىدۇ.
    ئالامىتى: جىنسىي ئەزانى سايمان بىلەن تەكشۈرگەندە قىزلىق پەردىنىڭ قاتتىقلىقى بىلىنىدۇ.
    داۋالاش پىرىنسىپى:
    قىزلىق پەردىنى تىغ بىلەن تىلىپ تاشلاپ، ئاندىن مۇۋاپىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر بۇ سەل خەتەرلىك بىلىنسە، ئاش تۇزىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، جىنسىي ئەزاغا قويۇپ بەرسە، قىزلىق پەردىسىنىڭ قاتتىقلىقىنى يوق قىلىدۇ.
    قىزلىق پەردىنى تىغ بىلەن تىلىۋەتكەندە جىنسىي ئەزاغا مەلھىمى داخىلىيۇن يەرلىك ئورۇنغا چاپلىنىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن ۋە يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button