ئاياللار كېسەللىكى

گۆدەك قىزلاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى

بۇ گۆدەك قىزلارنىڭ جىنسىي يولى ياللۇغلىنىش بىلەن ئىپادىلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
    سەۋەبى: گۆدەك قىزلاردا جىنسىي يول ياللۇغى دائىم تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ. چۈنكى گۆدەك قىزلاردا تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى تەرەققىي قىلمىغانلىقتىن ۋە جىنسىي يول تېمى نېپىز ۋە ئاجىز بولغانلىقتىن جاراسىملار ئاسانلا ھۇجۇم قىلىپ يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئېغى يوق ئىشتان كىيىدىغان گۆدەك قىزلارنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزا قىسمى جاراسىم بىلەن ئوڭاي بۇلغىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا  ھەرخىل غەيرىي نەرسىلەرنى جىنسىي يولغا تىقىپ ئويناش، پاسكىنا قوللىرىدا جىنسىي ئەزاسىنى تۇتۇش نەتىجىسىدە گۆدەك قىزلاردا جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئالامىتى: كۆپىنچە گۆدەك قىزلارنىڭ جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى كۆپىيىدۇ. ئالدى دالانچە قىسمى قىزىرىپ، جىنسىي يول ئېغىزى ئىششىيدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ قىچىشىپ ئاغرىشى ئۆزىگە سىزىلىدۇ. ئەگەر غەيرى نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن گۇمان قىلىنسا چىمچىلاق بارماقنى سۇڭىغا كىرگۈزۈپ تەكشۈرگەندە، غەيرىي نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
    داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسان داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئالدىنى ئېلىشتا: گۆدەك قىزلارغا بولغان تازىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. بالىلار باغچىسى، يەسلى قاتارلىق كوللېكتىپ ئورۇنلار ۋە ئاتا- ئانىلار بىرلىكتە گۆدەك قىزلارغا تازىلىق جەھەتتە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. گۆدەك قىزلارنىڭ  تاشقى جىنسىي ئەزاسىنى  ھەر كۈنى يۇيۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىچكى كىيىمىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئېغى ئۇچۇق ئىشتاننى كەيگۈزمەسلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ يۇيۇنۇش داسلىرى ۋە بەدەن لۆڭگۈلىرى بولۇش، ئاممىۋى مۇنچىلاردا يۇيۇنماسلىق لازىم.
    تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، جىنسىي يوللارغا توپا، قۇملارنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، ئۇپا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېپىپ قويۇش كېرەك.
    ئەگەر قۇرت ياكى زەمبۇرۇغنىڭ تەسىرىدىن ياللۇغلىنىش بولغان بولسا شۇنىڭغا قارىتا چارە قىلىنىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش:
    1. رېتسىپ: كاككۇك گۈلى ۋە ئوسمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، قاينىتىلمىدا كۈندە بىر نەچچە قېتىم يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
    2. رېتسېپ: ئانارگۈلى ۋە ئانار ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، قاينىتىلمىدا كۈندە بىر نەچچە قېتىم يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلسە، قان توختىتىدۇ، جاراسىملارنى يوقىتىدۇ.
    3. رېتسىپ: سېمىز ئوت ئۇرۇقى بىلەن مامۇرانچىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، قاينىتىلمىدا كۈندە بىر نەچچە قېتىم يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق قايتۇرىدۇ.
    4. رېتسېپ: مامۇرانچىنى، ئوسما يىلىتىزى، بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، بىنەپشە ۋە ئىسپىغۇلدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ دورىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك سۇدا سۇس ئوت بىلەن سۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ، بۇ سۇ بىلەن يەرلىك ئورۇننى كۈندە بىر نەچچە قېتىم يۇيۇپ بەرگەندە، جىنسىي يول ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
     دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قېتىق، ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق يېمىشلەردىن پەرھىز قىلىش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button