ئاياللار كېسەللىكى

ھەيز مەزگىلىدىكى 4 خەتەرلىك سىگنال

1. ئاغرىق توختىتىش دورىسىمۇ كار قىلماي قاتتىق ئاغرىش
ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش تۇيۇقسىز چىدىغۇسىز دەرىجىدە كۈچىيىپ  يەڭگىللىمەسلىكى دائىم بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى باشقا ئورۇنغا يۆتىكلىش كېسىلىنىڭ خەتەرلىك بەلگىسىدۇر. يەنى، بىر قىسىم بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى بالىياتقۇ سىرتىغا تۆكۈلۈپ چىقىۋالىدۇ.   بۇندىن باشقا، جىنسى مۇناسىۋەت ياكى ئادەتتىكى بېلىنى ئېگىش ھەركىتى قىلغاندىكى قاتتىق ئاغرىشمۇ مۇشۇ خىل ئالامەتلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

  
2. ھەيز مىقدارى جىددىي كۆپىيىپ كېتىش
بۇ خىل ئالامەت بالىياتقۇ تالالىق ئۆسمىسى بارلىقىدىن بىشارەت بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە، بۇ خىل ئۆسمىنىڭ ئادەم بەدىنگە زىيىنى يوق بولسىمۇ، بىراق ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەيز مىقدارىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى كەمقانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئۆسمە يەنە بالياتقۇ ئىچىدىكى قان تومۇرلارنى توسۇپ قويۇشى ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە تەرەققىي قىلىپ  ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

  
3. كۆپ مىقداردا قان كېلىش ۋە قاتتىق ئاغرىش
بۇ 2 خىل ئالامەت بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلسە، بەلكىم  داس بوشلۇقى ياللۇغىغا گرىپتار بولغانلىقىڭىزنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن. داس بوشلۇقى ياللۇغى بولسا ئادەتتە خىلامىدىيە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى بىر خىل يۇقۇملىنىش. داس بوشلۇقى ياللۇغىنىڭ يەنە بىر خىل ئالامىتى بولسا جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن قان كېلىشتۇر. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىسا، داس بوشلۇقى ياللۇغى ناھايىتى ئاسانلا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

 
4. داس بوشلۇقى توساتتىن قاتتىق ئاغرىش قورساق تۆۋەنكى قىسمى قاتتىق ئاغرىش بەلكىم تۇخۇمدان خالتىسى يېرىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل يېرىلىشتىن كېلىپ چىققان قاتتىق ئاغرىش دائىم تۆۋەنكى قورساقنىڭ بىر تەرىپىدىن باشلىنىدۇ، تېزلىكتە پۈتۈن قورساققا تارايدۇ، بۇ خىل ئاغرىش بىلەن ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان سېزىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button