جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللار كۆپىيىش سېستىمىسىغا بولغان تەسىرى قايسىلار؟
بەزى ئاياللار جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن، ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئاياللار كېسەللىكى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەر داۋالىنىپ، ئايال ۋاقتىدا داۋالانماي، كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئەرنىڭ قايتا يۇقۇملىنىشى كېلىپ چىقىدۇ. بەزى جىنسىي كېسەللەر تۇخۇم نەيچىسى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، تۇغماسلىق، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلە بولۇپ قېلىش ، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇپ قۇيۇش ۋە بالىنىڭ ئۆلۈك تۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ، غەيرىي سۆزنەك باكتېرىيىلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى ، تامچە قۇرت كېسىلى ، جىنسىي ئەزا تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئاياللاردىكى جىنسىي كېسەللىكنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا بۇلغان تەسىرى
بەزى جىنسىي كېسەللەر كېيىنكى ئەۋلادلارغا يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئايال سۆزنەك ، سىفلىس، غەيرىي سۆزنەك باكتېرىيىلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى، جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى ۋە ئەيدىز (AIDS) قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرى بىلەن يۇقۇملانسا، شۇ كېسەل ئانىدىن بوۋاققا يۇقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوۋاقتا ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.