ھەيز كەلمەسلىك ۋە ئۇنىڭ سەۋبلىرى

ھەيز كەلمەسلىكنىڭ بىر خىل ئەھۋالى ھامىلىدار بولۇش. يەنە بىر خىل ئەھۋالى ھەيز توختاش سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ھەيز ئۇزاق ۋاقىت كەلمىگەندە، ئۇزاق ۋاقىت ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىتىلىپ چىقىشى زىيادە تۆۋەن بولغانلىقتىن، سۆڭەكتىكى كالتسىي ماددىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغاندا، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
ھەيز كەلمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟
1. قىزلار 18 ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا ھەيز كەلمىسە، بۇ خىل ئەھۋال بىرلەمچى ھەيز توختاش ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆز تېنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگە، بالىياتقۇ ئىقتىدارى، تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ دىئاگنۇزى ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. كېيىنچە تۇغماسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئېلىش ئەڭ مۇھىم.
2. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا ھەيز كەلمەسلىك. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەڭ ئاۋۋال ھامىلىدار بولغانمۇ يوق بۇنى ئېنىقلاش كېرەك.
3. ئەگەر ئادەتتە ھەيز بىر قەدەر نورمال، ھەر ئايدا بىر قېتىم قەرەللىك بولۇپ، تويۇقسىز ھەيز كەلمىسە، يەنە كېلىپ ھامىلىدار بولمىسا، ئۇنداقتا ھەيز توختىغانمۇ يوق بۇنى ئېنىقلاش كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالدا، غەرب تېبابىتىدە پرگېستىن (黄体酮 progestin) ئىچىش ياكى ئۇنى ئۇكۇل قىلىپ سېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئادەتتە 4-5 كۈندىن كېيىن ھەيز كېلىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە بولسا بەزىبىر ھەيز تەڭشىگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەيز كېلىدۇ.
- ھەيز كەلمەسلىك، كۆپ ئەھۋالدا مۇھىت، كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى دورا تەسىرى سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇ خىل ئامىللاردىن ساقلانغاندا ئادەتتە ھەيز نورمالىشىدۇ.
5. ئەگەر ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك سەۋەبىدىن ھەيز كەلمىسە، چوقۇم دوختۇرنىڭ دىئاگنۇزىنى قۇبۇل قىلىش كېرەك. كېسەللىك ئامىلىنى يوقاتقاندا، ھەيز نورمال كېلىدۇ.
ھەيز كەلمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرى:
1. قىزلاردا تۇنجى قېتىم ھەيز كەلگەندىن كېيىن، تۇخۇم چىقىرىش تەرتىپسىز بولغانلىقتىن، ئودا بىر قانچە ئاي ھەيز كەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.
2. تۇرمۇش مۇھىتىدا ئۆزگىرىش بولۇش. ئائىلىدە تويۇقسىز چوڭ ئىش يۈز بېرىش، خىزمەت بېسىمى ئارتىپ كېتىش قاتارلىقلار. بۇ خىل ئەھۋالدا قىزلارنىڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ نورمال ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ھەيز توختاشقا سەۋەبچى بولىدۇ.
3. ھەيز مەزگىلىدە سوغۇق مۇھىتتا تۇرۇش ياكى سوغۇق ئىچىملىك، ماروژنا قاتارلىقلارنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز توختاشقا سەۋەبچى بولىدۇ.
4. تۇخۇمدان، بالىياتقۇدا كېسەللىك بولۇش، مېڭە قىسىمدا ئۆسمە كېسەللىكى بولۇش ۋە بىر قىسىم دورىلارنىڭ تەسىرىدە ھەيز توختاش كېلىپ چىقىدۇ.