ئاياللار كېسەللىكى

ھەيز قالايمىقانلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 7 خىل ئاياللار كېسىلى

ئاياللارنىڭ ھەيز قالايمىقانلىشىشى تۆۋەندىكى يەتتە خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى بارلىق ئاياللارنىڭ ئۆز ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
1. ھەيز ئالدىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك: بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە ھەيز كېلىشتىن بۇرۇنقى 7~14 كۈن ئىچىدە كۆرۈلىدۇ، ھەتتا بەزىدە ھەيز توختىغىچە داۋاملىشىدۇ. بىر قىسىم ئاياللاردا ھەيز مەزگىلىدە دائىم ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش ياكى كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ بەكمۇ خەتەرلىك سىگنال. چۈنكى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ياكى كەيپىياتى نورمالسىز بولۇش ئېغىر بولسا، ئاياللار بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا چوقۇم ھەر بىر ئايال يۈزلىنىشى ۋە توغرا ھەل قىلىشى كېرەك.


2. ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش: نۇرغۇن ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە قاتتىق ئاغرىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. گەرچە بۇنىڭ ھېچقانداق كېسەللىك سەۋەبى بولمىسىمۇ، بىراق بىرلا ئاغرىپ كەتسە چىداپ بولغىلى بولمايدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردىن، مۈرىسى ئاغرىش، پاقالچەك يوتا قىسىمى ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، بېشى قېيىش، ياندۇرۇش قاتارلىقلار. بۇ بەلكىم كۆپ مىقتاردىكى پروستاگلاندىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ياكى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

  1. ھەيز توختاپ قېلىش: ھەيز توختاپ قېلىش ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ، يەنى ئەسلىدىن بولغان ھەيز توختاش ۋە داۋاملىشىش خاراكتىرلىك ھەيز توختاش. ئەسلىدىن بار بولغان ھەيز توختاش دېگەندە 18 ياشقا توشقان قىزلارنىڭ ياكى ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەت تەرەققىي قىلىپ پىشىپ يېتىلگىنىگە 2 يىلدىن ئارتۇق بولغان بولسىمۇ يەنىلا ھەيز كەلمىگەن بولسا بۇ ئەسلىدىن بار بولغان ھەيز توختاپ قېلىشقا تەۋە. ئىككىلەمچى ھەيز توختاپ قېلىش دېگىنىمىز ئاياللارنىڭ ھەيز دەۋرىيلىكى ئاللىبۇرۇن مۇقىملىشىپ بولغاندىن كېيىن، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ھەيز 6 ئايدىن كۆپ توختاپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ھەيز قالايمىقانلىشىش بەلكىم بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    4. ھەيز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇش: ھەيز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇش ياكى ئۇزۇن مۇددەت قاناش ھەرگىزمۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس. ئۇ ئېغىر دەرىجىدىكى قان چىقىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، داۋاملىشىش ۋاقتى 7 كۈندىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا كۆپىنچە قانغا قان پارچىسى، قان قىلى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئېغىر بولغاندا، ھورمۇن يوقىتىش ياكى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    5. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى: بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئۆسۈش، دائىم جىنسىي يولى نورمالسىز قاناش ئەھۋالىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئېغىر خاراكتىرلىك كېسەل، بىراق داۋالاش مۇۋاپىق بولسا، ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. مۇبادا بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالانسا، ساقىيىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە 50 ياشتىن ئاشقان ياكى ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى كۆپ بولغان ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

6. بالىياتقۇ ئۆسمىسى: بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بالىياتقۇ دىۋارىدا ئۆسىدۇ، چوڭ-كىچىكلىكى ھەرخىل بولىدۇ. بەزى ئاياللاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، بىراق بىر قىسىم ئاياللاردا ھەيز كۆپ بولۇش ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىش ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ. بالىياتقۇ مۇسكول ئۆسمىسى يەنە تۆۋەن دەرىجىدىكى داس ئورنى خاتا بولۇش، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، جىنسىي يول قاتتىق ئاغرىش، كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېشى 35 ياشتىن ئاشقان ياكى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ھامىلىدار بولغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
7. داس بوشلۇقى ياللۇغى: داس بوشلۇقى ياللۇغى دېگىنىمىز ئاياللارنىڭ داس بوشلۇقى كۆپىيىش ئەزالىرى، بالىياتقۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە داس بوشلۇقى پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئالامىتى جىنسىي يول سېسىق پۇراشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەيز دەۋرى قالايمىقان بولۇش، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئاغرىش قاتارلىقلارمۇ بار. داس بوشلۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىك. مۇبادا ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى زەخمىلىنىش ياكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button