ئاياللار كېسەللىكى

ئانا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ

ھەممىمىزگە مەلۇم، بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە چىڭ تۇتۇش ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆپ قىسىم كىشلەرنىڭ قارىشىچە، ياخشى ئانا بولۇش ئۈچۈن چوقۇم بالىلارغا مىننەتسىز مېھىر – مۇھەببەت، بەخت ئاتا قىلالايدىغان، كۈچلۈك ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئۈمىد بېغىشلىيالايدىغان بولۇش بىلەن بىرگە تۇرمۇشتا پىشقان بولۇشى كېرەك. تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇنداق‹‹ ياخشى ئانا›› لارمۇ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى، بۇنداق ئانىلارنىڭ تەربىيەسىنىڭ ئىزچىللىقى يوق، ئەمەلىيەتچانلىقى تۆۋەن ئىكەن. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەربىيەلا بالىلارغا ئەڭ ياخشى نەپ بېرەلەيدۇ.بىر ئانا بالىسىنى تاماق يېيىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن تامىقىغا كۈندە شېكەر سېلىپ بېرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا ھەر قېتىملىق تاماقتا شېكەردىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بالا بىر ياشلارغا كىرگەندە ئانىسى بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بالىسىنىڭ تامىقىغا شېكەر سالمايدىغان بوپتۇ، لېكىن بالىسى تاماقتىن يېگىلى ئۇنىماپتۇ.نۇرغۇن ئانىلار بالىلىرىغا گۈزەل كۈنلەر يار بولسىكەن دەيدۇ. بىراق، بالىلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنگەندە بەلكىم ئۇلارغا ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بالىڭىزنى ھەقىقىي بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرەي دېسىڭىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق – چۈچۈكىنى تېتىپ بېقىشىغا، يىقىلغان يېرىدىن ئۆزى دەست تۇرۇپ بېقىشىغا، جاپالاردا تاۋلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىڭ. بەزى ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرىدىكى زىددىيەتنى قانچە يوشۇرۇشقا تىرىشسىمۇ يەنىلا بالىلىرى ئالدىدا چېنىپ قالىدۇ. ھازىرقى بالىلار ئاتا – ئانىسىنىڭ قەلبىگە يوشۇرۇنغان ئازابلارنى سېزىۋالالايدۇ. ئەمما، ئاتا – ئانىلارنىڭ ياسالمىلىق قىلىپ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشى بالىلارنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ، ئۇلار ئاتا – ئانىلارنىڭ نۇقسانلىرىنى كۆرمىگەچكە ئۇلاردا كەمتۈكلۈككە يۈزلىنىش ئىقتىدارى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۇرمۇشقا تەستە ماسلىشىش بالىلارنىڭ قەلبىدە ئەڭ چوڭ مۇكەممەلسىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بالىلارغا ‹‹ساختا ئىناق›› ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلغاندىن كۆرە، ئۇلارغا تۇرمۇشتا مۇكەممەلسىزلىكتىن خالىي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، نۇقسانلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىدە بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىلا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.تۇرمۇشتا ھەممىلا بالا ‹‹ئەڭ قالتىس!›› بولۇۋەرمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. چۈنكى ساۋاقلار قانچە ئاچچىق بولغانچە ئۆزىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەر شۇنچە روشەن ئاشكارىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ساختا ئىلھاملاندۇرۇش ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىگە ئىشىنىش قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، مەغلۇبىيەت ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ. مەيلى ئۇلار ‹‹ئەڭ قالتىس›› بولسۇن ياكى ‹‹ئەڭ ناچار›› بولسۇن ئىشقىلىپ ئۆزىگە خاس قىممەتكە ئىگە. ئۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇش چوقۇم رېئاللىققا ئۇيغۇن بولۇشى شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتنى ئاساس قىلىشى، كونكرېت، جايىدا بولۇشى لازىم.ئەمەلىيەتتىمۇ مېھنەتسىز ئانىلار ئادەتتە شەخسىيەتچى بالىلارنى تەربىيەلەپ قويىدۇ. چۈنكى ئانىلاردىكى خالىسانە روھ بالىلارنى مەركەز قىلغانلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىنى توسۇپ مەنمەنچىلىك ئىدىيەسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ. ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق خالىسانە روھى پەقەت ئانا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، ھەقىقىي خالىس روھقا ئىگە ئانىلار بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپلا باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى، نېمە يېيىشىدىن قەتئىينەزەر ئالدى بىلەن ئاتا – ئانىسىغا بىر ئۆلۈش بېرىشنى ئۆگىتىدۇ. مەلۇم بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولمىغاچقا ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقى سۇسلاپ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى كەسىپتە زور ئۇتۇق قازانغان، نەچچە قېتىم مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان ئىكەن.شۇڭا ئۇ ئوغلىغىمۇ ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويىدىكەن. ئوغلى ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا ئۇنىڭغا بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەجمۇئەسىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى مەشىقلەندۈرۈپتۇ. دەسلەپتە مەشىقنىڭ ئۈنۈمى بوپتۇ، بارغانسېرى تەلەپنى يۇقىرىلاتقاندا ئوغلى يېتىشەلمەي قاپتۇ. لېكىن ئانىسى ئەكسىچە ئۇنىڭدىن رازى بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغلىنىڭ ئۆگىنىشى ناچارلىشىپ، ئىشەنچىسى يوقاپ، قىزغىنلىقى سۇسلاپ بارغانسېرى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ساۋاقداشلىرى بىلەن باردى – كەلدى قىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.كۈچلۈك ئانىلار كۆپ ھاللاردا ئاجىز بالىلارنى تەربىيەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا قويغان تەلىپى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولغانلىقتىن، بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ چىقارماي، بىخ ھالىتىدە قۇرۇتۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مۇشۇنداق چەكتىن ئاشقان تەلەپلەرنى قويىدىغان ئانىلارنىڭ بالىلىرى قانداقمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش كۈچلۈك بولالىسۇن؟ بۇنداق ئانىلار شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى لازىمكى ئۆزلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقنى بالا تەربىيەلەش جەريانىدا بالىلىرىدا بولۇشى شەرت دەپ تۇرۇۋالماسلىقى لازىم. شۇڭا، ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قىزىقىشىنى بايقاپ ۋە قېزىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button