ئاياللار كېسەللىكى
ھامىلدار ئاياللار ساياھەتكە چىققاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ساياھەتكە چىقىش ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە بولسا نىسبەتەن مۇۋاپىق بولىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپىدە ۋە ئاخىرقى باسقۇچىدا ئەڭ ياخشىسى ساياھەتكە چىقماسلىق لازىم. ئەمما ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىمۇ بىخەتەر ئەمەس، ئەگەر سەپەرگە ياكىسايائەتكە چىقىشقا توغرا كەلسە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1.يالغۇز سەپەرگە چىقماسلىق ياكى ساياھەت قىلماسلىق،ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولماسلىق لازىم.
2.ئالماشتۇرۇشقا يېتەرلىك كىيىم ئېلىۋېلىش لازىم. 3.سىللىقراق ماڭىدىغان قاتناش ۋاستىسىنى تاللاش لازىم،ئايروپىلان، پويىز بىر قەدەر مۇۋاپىق بولۇپ، موتسىكلىت،ئاپتوبوس ۋە پاراخوتلار مۇۋاپىق بولمايدۇ.