ئاياللار كېسەللىكى

ساغلام پەرزەنت كۆرۈشنىڭ قىسمەن شەرتلىرى

ساغلام پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن تۇخۇم توشۇش يولى راۋان ھەم شەكلى ياخشى بولۇشى، تۇخۇم ۋە ئۇرۇق سۈپەتلىك بولۇشى، بالىياتقۇنىڭ ئىچكى مۇھىتى ياخشى بولۇشى كېرەك.يۇقىرقى تۆت تۈرلۈك شەرت ھازىرلانغاندىن كېيىنمۇ پەرزەنتلىك بولالمىسا، تۆۋەندىكىدەك تەكشۈرۈلۈپ داۋالىنىش كېرەك.

              1. كۆپىيىش سېستىمىسى يېتىلىشىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكى، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرىگەن-شەلۋەرىمىگەنلىكى، ياللۇغلانغان-ياللۇغلانمىغانلىقى قاتارلىقلار.


              2. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى يود مېيى ئارقىلىق سايلاندۇرۇپ رەسىمگە ئېلىش ھەم سۇيۇقلۇقنى راۋانلاشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسى قاتارلىقلار.


              3. ھەيىز مەزگىلىدىكى مۇقىم بىر ۋاقىتتا قاننى ئېلىپ جىنسىي ھورموندىكى 6تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنى تەكشۈرۈش.


              4. كۆپىيىش سېستىمىسىدىكى ئىممۇنىتنى تەكشۈرۈش:ئۇرۇققا،بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە، تۇخۇمدانغا قارشى تۇرغۇچى ئانتىتېلا ھەم تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمونغا قارشى تۇرغۇچى ئانتىتېلا قاتارلىقلار.


              5. ئاساسىي تېمپىراتۇرىنى ئۆلچەش، تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆلچەشتىكى ئەڭ ئەرزان، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل. لېكىن ئەڭ توغرا ۋە ئىشەنچىلىك ”B“چاۋ ئارقىلىق جىنسىي يولىنى تەكشۈرۈپ، تۇخۇم چىقىرىشنى ئۆلچەش. تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ ئورنى، سانى، چوڭ-كىچىكلىگى ھەم بالىياتقۇ ئورنى، سانى، چوڭ-كىچىكلىگى ھەم بالىياتقۇ پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى، شۇنداقلا تۇخۇمدان خالتىلىق ئۆسمىسىنى ياكى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى تەكشۈرۈش.
              6. ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ۋە خروموسومانى تەكشۈرۈش: بۇ سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بويىدىن ئاجراش ھەم ھامىلىنىڭ يېتىلىشى توختاش قاتارلىق بىمارلارغا ئىشلىتىلىدۇ..

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button