تۇغۇت يوقلىغاندا پەرزلەرگە دىققەت قىلىڭ
مەن ئۆزەم بالىلىق بولغاندىن كېيىنلا بىزنىڭ تۇغۇتر يوقلاش ئادىتىمىزدە نۇرغۇن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جايلار بار ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بۇلارغا بۇرۇن ئۆزەممۇ ئەنچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن ئىدىم. بۇ خىل سەۋەنلىكلەردىن نۇرغۇن كىشى هىس قىلىپ يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ياكى ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ساقلىنالماسلىقى مۈمىن, بۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ بولسىمۇ ياخشى نىيەتتە ئېلىپ بارغان بەزى ئىش هەرىكەتلىرىنىڭ ئەمىليەتتە زىيانلىق ياكى ئىكەنلىكىنى هىس قىلىشىغا هەمدە بۇنىڭدىن ساقلىنىشىغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن تەجىربەم ئارقىلىق يەكۈنلىگەنلىرىمنى يېزىپ قويدۇم .
-1 يېڭى بوشانغان ئاياللارنى گۈل بىلەن يوقلىماڭ !!! )دادا بولغۇچىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، (
گۇللەرنىڭ چان تۇزان هەم غىدىقلىغۇچى پۇراقلىرى ، يېڭى تۇققان ، تېخى ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان ئانىغىلا ئەمەس بەلكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەس يولى سېستىمىسىغا تەسىر قىلىپ ئېغىر بولغاندا هەتتا نەپەس يولى ياللۇقى ، ئۆپكە ئىششىقى، كۆز ۋە بۇرۇن قاتارلىق ئەزالارنىڭ گۈل چاڭلىرىغا مەنگۈلۈك زىيادە سەزگۈر بولۇشى ، كۆز ۋە تېرە ياللۇقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.
-2 ئانا ۋە بالىنى ئالدىراپ يوقلىماڭ ئاز بولغاندا بىر هەپتە ئۆتسۇن ،ئەڭ ياخشىسى بىرەر ئاي . ئانا بولۇش مۇشكۈل بىر جەريان ، ئانا بولغۇچى هارغىنلىقتىن ئەسلىگە كېلىۋالغىچە هېچكىمنىڭ ئاۋارە قىلمىغىنى ياخشى ،ئانا ۋە بوۋاقمۇ كۆپرەك دەم ئېلىشقا مۇهتاج.
-3 تۇغۇتلۇق ئۆيگە كىرىۇشتىن بۇرۇن ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ، قولىڭىزنى سوپۇنداپ پاكىزە يۇيۇڭ ,مەيلى سىز بوۋاقنى تۇتمىغان هالەتتىمۇ ، سىز تالادىن نۇرغۇن مىكروپلارنى بىللە ئېلىپ كىرىسىز. بوۋاقنىڭ هەر خىل كېسەل مىۇكروپشلارغا قارشى تۇرۇش كۈچى تېخى ئىنتايىن ئاجىز.
4 -بالا يۈزى كۆرگۈچىگە هەر قانچە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولسىڭىزمۇ ،بوۋاققا قانچە ئامراق بولسىڭىزمۇ بوۋاقنى كۆتىرىمەن دەپ تەشەببۇس قىلماڭ، سۆيمەڭ! سىز ئانىدىن رۇخسەتسىز بالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ياكى سۆيۈپ مېهرىبانلىقىشىزنى ئىپادىلىگەن ۋاتىڭىزدا ، ئانا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بولسىمۇ بۇ هەرىكىتىڭىزدىن خوش بولۇپ كېتىشى ناتايىن ، شۇنداقلا ئىچىدە سىزنىڭ بۇ ئاجىز بوۋانى ئاغرىتىپ قويۇشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ .بالىنى تېزراق قويۇپ قويسىكەن دەپ ئويلايدۇ. بالا پەقەت ئانىنىڭ قولىدىلا ئۆزىنى راهەت هەم خاتىرجەم هىس قىلىدۇ . سىز ئاجرىتىپ چىقارغان ڭۆلگەيلەردە نۇرغۇن كېسەللىك مىكروپى بار هەتتا نەپىسىڭىزدىمۇ بار،ئۇلارتېخى ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ ئاجىز بوۋاقلارغا ئاسانلا هۇجۇم قىلىدۇ.
-5 بالا بىلەنلا هەپىلەشمەي ، ئانىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ . بالا ئۆزى تۇغۇلمىدى ئانا ئۇنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان .شۇڭا يوقلاشنىڭ بىرىنچى ئوبېكتى ئانا بولسۇن . ياخشى سۆزلەر هەممىدىن شىپالىق دورا.
-6 بوۋاقنى ئالدىراپ بىر نىمىلە رنى دەپ تەرىپلىمەڭ ياكى ئەيىپلىرىنى كۆرسەتمەڭ. قاغا بالام ئاپپاق كىرپە بالام يۇمشاق ئەمەسمۇ . بەزى مۇناسىپ ئەمەس سۆزلەرنى مەسىلەن بۇ بالا قارىراقكەن، ۋىيەي بەك كىچىككەن ،كۆزى ئىككىلىڭلارغا ئوخشىماپتۇ …..دىگەندەك ئورۇنسىز سۆز ياكى سوئاللارنى قىلىپ قويسىڭىز ، خەقنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇن ئوسال قىلىپ قويىسىز . پەقەتلا كۈلۈمسىرەڭ گەپ قىلماڭ دىگەنلىك ئەمەس .ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ ،قىسقا، چىرايلىق هال سوراپ كېتىپ قېلىڭ.
-7 بوۋاق بار ئۆيگە كۆچلۈك ئەتتىر سەپكەن هالەتتە ياكى هارق تاماك پۇرىقى بىلەن كىرمەڭ بۇ ساپ هاۋانى بۇزۇپلا قالماي ، ئەمدىلا تۇغۇلغان بالا هەم ئانىنىڭ پۇراش سېزىمىنى غىدىقلاپ دەپ ئېلىشىنى بۇزۇدۇ.
-8 ئۆزىڭىز مەيلى قانچە بالىنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى بولماڭ ، ئەمدىلا بالا يۈزى كۆرگۈچىلەرگە ئالدىراپ يول كۆرسەتمەڭ، بۇنى قىلماڭ ئۇنى قىلماڭ، ئۇنى خاتا قىلدىڭىز بۇنى توغرا قىلدىڭىز دەپ ئەيىپلىمەڭ. ئەگەر يېڭى ئاتا ئانا بولغۇچى سىزدىن مەسلەهەت سورىغاندا تەجىرىبىڭىزنى ئېيتسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا. بىلەرمەنلىك قىلماڭ.
-9 تۇغۇت يوقلىغاندا هەممىدىن قانداق سوغا مۇهاپىق هەم ئەهمىيەتلىك بولار دېەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن.
ئانا ئۈچۈن بوۋاقلار قوللانمىسى ئانىلارغا كۆرسەتمە خاراكتېرلىك كىتاپ هەگممىدىن ياخشى سوغا . ئۇنىڭدىن باشقا يىمەك ئىچمەك ياكى بالىلار بويۇمغلىرىنىڭ كۆپ ياكى قىممە ت بولىشىدىن ئۇنىڭ ئىشلىنىشكە ئەپلىك ياكى سۈپەتلىك بولىشى مۇهىم. ئەگەر ئانىنى يوقلاشنى بۇرۇنلا كۆشۈلگە پۈككەن بولسىڭىز ئۇ تېخى يەڭگىمەستە نىمىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ياكى نىمىگە ئېهتىۇياجلىق ئىكەنلىكىنى سورىۋالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدى ئەلۋەتتە. -10 تۇغۇتلۇق ئۆيدە ئۇزۇن ئولتۇرماڭ. يېى پەرزەنت يۈزى كۈررگەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ هەممىسى چارچاغلىق ، ئۇنداق ئۇزۇن مېهمان كۈتۈشكە ماجالى يوق .شۇنداقلا بالا هەم ئانا كۆپرەك دەم ئېلىشى زۆرۈر.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇتلۇق ئۆيدە تۇتىودىغان پەرزلىرى هەقىقەتەن تولىمۇ ئورۇنلۇق هەم زۆرۈر قائىدە يۇسۇنلار ئىكەن . بۇلارغا ئەمەل قىلىش هەقىقەتەن بالا هەم ئانا ۋە پۈتۈن ئائىلىگە كۆپ تەرەپلەردىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى هەقىقىي هىس قىلىپ يەتتىم. بولسا بۇ هەقتە يەنى ئۆزىمىزنىڭ تۇغۇت پەرزلىرى هەققىدە مەخسۇس كىتاپ يېزىلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .