ئاياللار كېسەللىكى

ئاياللار جىنسىي ئەزاسى توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچ

ئاياللار جىنسىي ئەزاسى ئىچكى جىنسىي ئەزا ۋە سىرتقى جىنسىي ئەزا دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. سىرتقى جىنسىي ئەزا دېگىنىمىز ، جىنسىي ئەزانىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسىمىنى كۆرسىتىدۇ.
     1.سىرتقى جىنسىي ئەزا : دوۋسۈن تۈكى ، چوڭ جىنسىي لەۋ، كىچىك جىنسىي لەۋ ۋە دىلچىق ، سۈيدۈك يولەئى ئېغىزى ،  جىنسىي يول ئېغىزى بىلان قىزلىق پەردىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
    (1)دوۋسۈن تۈكى: دوۋسۈن دۆڭى ۋە  چوڭ جىنسىي لەۋگە دۈم ئۈچ بۇلۇپ شەكلىدە تۈك چىقىدۇ.
 
    (2) چوڭ جىنسىي لەۋ: ئوڭ-سولدا بىردىن بولىدۇ، تۈك چىقىدۇ، توقۇلمىلىرىدا قان تۇمۇرلار مول بولۇپ، زەخمىلەنگەندە قاناپ، قانلىق ئىششىق شەكىلىنىدۇ.
 
    (3)كىچىك جىنسىي لەۋ ۋە دىلچىق: كىچىك جىنسىي لەۋ چوڭ جىنسىي لەۋنىڭ ئىچقى قىسىمىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئوڭ ۋە سولدا بىردىن بولىدۇ،ئالدى تەرىپىنى دىلچىق ئوراپ تۇرىدۇ. دىلچىق بېشى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇ ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، جىنسىي ھېسىسىيات قوزغالغاندا قايىم بولىدۇ.
 
    (4) سۈيدۈك يولەئى ئېغىزى : دىلچىق بېسىنىڭ ئاستىدا سۈيدۈك يولى ئېغىزى بولۇپ ، سۈيدۈك مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ.
 
    (5)جىنسىي يول ئېغىزى بىلان قىزلىق پەردە:جىنسىي يول ئېغىزى سۈيدۈك يولەئى ئېغىزىنىڭ ئاستىدا بولۇپ، شەكلى تەرتىپسىز كېلىدۇ.  جىنسىي يول ئېغىزىنى ئوراپ تۇرغان نېپىز بىر قەۋەت پەردە قىزلىق پەردە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پەردىنىڭ ئوتتۇرىسى تۆشۈك بولۇپ، توي قىلمىغاندا پەقەت بىر بارماق پاتىدۇ.قىزلىق پەردە تۇنچى جىنسىي  ئالاقە قىلغاندا يىرتىلىپ، ئىككى بارماق پاتقىدەك بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە قاتتىق ھەركەت قىلىشتىن ياكى زەخمىلىيىشتىن قىزلىق پەردە يېتىلىپ كېتىدۇ.
 
     2. ئىچكى جىنسىي ئەزا: جىنسىي يول ، بالىياتقۇ، ئىككى تال تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە بىر  جۈپ تۇخۇمداننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەزالارنىڭ ھەممىسى داس بوشلىقىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا  جىنسىي يولدىن باشقا بالىياتقۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە  تۇخۇمداننى بەدەن سىرتىدىن تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button