ئاياللاردىكى تۇغماسلىق دىگەن قانداق ئۇقۇم؟
تۇغماسلىق-تۇغۇت ىيىشىدىكى ئەر-ئاياللار بىرگە ئۆتىۋىتىپ2يىلغىچە ھامىلدار بولماسلىق تۇغماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ.
توي قىلىغاندىن تارتىپ2يىلىغىچە تۇغمىسا بىرلەمچى تۇغماسلىق دىيلىدۇ. ئىلگىرى ھامىلدار بولۇپ2يىلغىچە ھامىلدار بولمىسا ئىككىلەمچى تۇغماسلىق دىيلىدۇ.
تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى:
بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ ئەر تەرەپتىن،ئايال تەرەپتىن ۋە ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىكى سەۋەپلەردىن بولىدۇ.
ئايال تەرەپتكى سەۋەپلەر:
ئومۇمى بەدەن ياكى بالياتقۇ مىزاجىنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز بۇزۇلۇشلىرى قان،سەپرا،سەۋدا،بەلغەم خىلىتلىرنىڭ ياكى ئىسقلىق سوغۇقلۇق،ھوللۈك ،قۇرۇقلۇقلاردىن بىرەرسىنىڭ زىيادە غالىپ بولۇشى.
تۇخۇمنىڭ چىقىرلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش:
1) مەركەز خاراكتىرلك ئامىللار:دۆڭچە مىڭە ئاستى قىسمى ھىپوپىز تۇخۇمدان ئوقى خىزمىتى قالايمقانلىشىش،ھىيىز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) ئومۇمى بەدەنلىك كىسەللىكلەر: ئىغىر دەرىجىدىكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك،زىيادە سىمىزلىك،قالقانسىمان بەز خىزمىتىى كۈچىيىپ كىتىش ياكى ئازىيىپ كىتىشمۇ تۇخۇمدان خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3) تۇخۇمداندىكى ئامىللار : تۇغما ئالدى تۇخۇمدان خىزمىتى تولۇق بولماسلىق،تۇخۇمدان خىزمىتى بالدۇر چىكىنىش،تۇخۇم ئۆسمىسى، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان،تۇخۇمدان ياللۇغى،بالياتۇ ئىچكى پەردىسنىك غەيرى ئورۇنلىشىشدىن بولىدۇ.
تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدىكى ئامىللار:
تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ياللۇغى،تۇخۇم نەيچىسى سىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى چاپلىشىپ قىلىش بۇندىن باشقا تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى غەيرى شەكىلدە بولۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولىدۇ.
بالياتقۇدىكى ئامىللار :
بالياتقۇ تەرەققىياتى ياخشى بولماسلىق،بالياتقۇ ئىچكى پەرىدە سىلى، بالياتقۇ ئىچكى پەرىدە مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى،بالياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.
ئەرلەردىكى سەۋەپلەر:
1) مەنىنىڭ يىتىلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش .
2) مەنىنىڭ يەتكۈزۈلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش.
3) جىنسى مۇناسىۋەتكە تەسر يەتكۈزىدىغان ئامىللار .
4) پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىك ئامىللار .
ئەر- ئايال ئىككى تەرەپتىكى سەۋەپلەر:
ئەر-ئايالدا جىنسى تۇرمۇش بىلىمى كەمچىل بولۇش،جىنسى تۇرمۇشنىڭ بەك كۆپ ياكى بەك شالاڭ بولۇپ قىلىشى ياكى تۇخۇم چىقىرىش ۋاختىدىن ھالقىپ ئۆتۆپ كىتىش،ھىيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسۋەت قىلىشس سەۋەبىدىن ياللۇغ پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ نىرۋا جىدديلكى:نىرۋا جىددىيلىك سەۋەبىدىن ئادەم بەدىندىكى بىئولوگىيلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نىرۋا جىددىيلىكى سەۋەبىدىن جىمانىڭ مەغلۇپ بولۇشى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىممۇنىت ئامىلى: ئەرلەرنىڭ بەدىندە تەبىئى ئىممۇنىتلىق راكسىيە بوزۇلۇپ ئۇرۇقنىڭ ھەركتىنى تۇرمۇزلاش بىلەن ھامىلدار بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ .
ئايال تەرەپنى تەكشۇرۈش :
كىسەل تارىخنى سوراش.
ئاياللار بۆلىمىدە تەكشۇرۇش :
ئىككىلەمچى جىنسى بەلگىلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى،كۆپيىش سىستىمىسنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئەھۋالى،ياللۇغلىنش،غەيرىلىشىش ۋە ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ بار يوقلۇقىنى،ئۆپكە سىلىنىڭ بار يوقلۇقىنى ،قالقانسىمان بەز ئىقتىدارنىڭ يۇقۇرلاپ كىتىش ياكى تۆۋەنلەش ئەھۋالى،بۆرەك ئۈستى بىزىنىڭ ئەھۋالى،ھىپوپىز تىنىدىكى كىسەللىكلەر تەكشۈرۈلىدۇ.
قوشۇمچە تەكشۈرۈش : تۇخۇمدان خىزمىتىنى تەكشۈرۈش.
تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىگە ھۋا ياكى سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇپ تەكشۈرۇش .
جىنسى تۇرمۇشتىن كىيىن مەنى سۇيۇقلۇقى بىلەن بالياتقۇ بوينى شىللىق سۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش سىنىغى ئىشلىنىدۇ.
زۆرۈر تىپىلغاندا بالياتقۇ ئەينىكى ۋە قورساق بوشلۇقى ئەينىكى بىلەن تەكشۈرۈپ بالياتقۇ،تۇخۇم نەيچىسى،تۇخۇمداننىڭ چاپلىشىشى ياكى كىسەللىك ئۆزگىرشنىڭ بار-يوقلۇقى بىۋاستە تەكشۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: ئادەتتىكىچە داۋالاش: ئۇزۇقلۇقنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش،پۇتۇن بەدەن خاراكتىرلىك سوزۇلما كىسەللىكلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئىلىش،روھى جەھەتتىكى غەم-قايغۇنى تۈگىتىش،بىمارغا جىنسى تۇرمۇش ھەققىدىكى تۇرمۇش بىلملىرنى تەشۋىق قىلىش،تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ جىنسى تۇرمۇشنى .مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش