ئاياللار كېسەللىكى

ئىچكى جىنسىي ئەزالار

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﻰﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﻰﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻝ، ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ، ﺗﯘﺧﯘﻡﺗﯘﺷﯘﺵ ﻧﻪﻳﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻝ:-
ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻫﯧﻴﺰﻧﻰﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﻫﺎﻣﯩﻠﻪ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺵ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. (ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﻪﯓ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺟﯩﻨﺴﻰﻳﻮﻟﻐﺎﺗﻮﻣﭙﯘﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﻳﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯗ). ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻝ ﮔﯜﻣﺒﯜﺯﻯ ﺩﻩﭘﻤﯘﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﺋﻮﯓ-ﺳﻮﻝ ﺗﯚﺕ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎﺑﯜﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺭﻗﺎ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺋﺎﻟﺪﻯﮔﯜﻣﺒﻪﺯﺩﯨﻦ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﻰﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ㎝10-12 ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ㎝ 7-9 ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺭﻗﺎﮔﯜﻣﺒﻪﺯﻧﯩﯔ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯ ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻰﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓﺗﯜﯞﻩﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺗﯜﺯ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺋﻮﻳﻤﯩﻨﻰ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻛﯩﻠﯩﻨﻜﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﻓﻮﻧﻜﯩﺘﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻫﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﺱ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎﻳﯩﺮﯨﯔ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﺩﯨﺌﺎﮔﯩﻨﯘﺯﻗﻮﻳﻐﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.
ﺟﯩﻨﺴﻰﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺗﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺩﺍﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰﻳﻮﻝﺋﺎﻟﺪﻯ ﺩﯨﯟﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﯞﺳﯘﻥ ﺗﯩﮕﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﺷﺎﻻﯓﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰﺗﯘﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺳﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﯘﻟﯩﻐﺎﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﭼﺎﭘﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﯕﺎﻱ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺟﯩﻨﺴﻰﻳﻮﻝ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺩﯨﯟﺍﺭﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﯜﯞﻩﻧﮕﻪ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘﺗﯘﺯ ﺋﯘﭼﭽﻰ ﺗﯜﺯ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﯞﻩﺋﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﭼﺎﭘﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻝ ﺩﯨﯟﺍﺭﯨﺪﺍﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﭘﯜﺭﯛﻛﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻟﻼﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﯨﻠﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰﭼﻮﯓﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﺳﺮﺍﻗﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﭙﺘﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍﺑﻪﺯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻫﻮﺭﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﻚﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺟﯩﻨﺴﻰﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻫﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﯩﻠﻰﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ :-
 ﺋﯩﭽﻰﻛﺎﯞﺍﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﯩﺮﺋﻪﺯﺍ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺩﺍﺱ ﺳﯜﯕﻪﻙ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ .  ﺋﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺩﯛﻣﻜﯚﻣﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻣﯘﺗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﻪﯓ ﻗﯩﺴﻤﻰﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺗﯩﻨﻰ (ﺟﯩﺴﻤﯘ ﺭﻩﻫﯩﻢ) ﺗﯘﺧﯘﻡ ﻳﯘﻟﻰ ﻧﻪﻳﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﭘﻮﻟﺘﯘﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺗﯜﯞﻯ (ﻗﺎﺋﯘﺭ ﺭﻩﻫﯩﻢ) ، ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺗﯜﯞﻩﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﻧﯘﻏﯘﭺﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻝﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﻳﻨﻰ (ﺋﯘﻧﯘﻗﯘﺭ ﺭﻩﻫﯩﻢ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. (ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﻳﻨﻰ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻳﻮﻝﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰﺑﻮﻳﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯜﻟﯩﻨﯩﺪﯗ). ﺗﯘﻏﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘﺳﯩﻨﯩﯔﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 4-5 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯩﺘﯩﺮ، ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 2-3ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯩﺘﯩﺮ ، ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 7-8ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯩﺘﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 30-50ﮔﯩﺮﺍﻡ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯘﻗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ- ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ  ﯞﻩﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺵ (ﺋﯧﺸﯩﺶ) ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﻣﯘﻛﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﻳﻨﻰ ﻧﯧﻴﻰ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﻩﻧﻜﻰﺋﺎﻏﺰﻯﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺋﺎﻏﺰﻯ (ﻓﻪﻫﻰ ﺭﻩﻫﯩﻢ ﺧﺎﺭﯨﻤﺴﯩﻲ)  ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘﻟﯘﭖﺗﯘﻏﯘﺗﺘﺎﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﻳﻨﻰ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰﺋﺎﻏﺰﻯﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ (ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﻪﯓ) ﻳﯘﭼﯘﻕ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺗﯧﻤﻰﺋﯜﭺ ﻗﻪﯞﻩﺗﻜﻪ ﺑﯜﻟﯜﻧﯩﺪﯗ. ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﻰ ﺷﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﻪﯞﻩﺕ (ﻳﻪﻧﻰﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺗﻪﺑﻪﻗﻪﺋﻰﻣﻪﺳﻠﯩﻴﻴﻪ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﭺ ﻗﻪﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓﻧﯩﭙﯩﺰ ﺑﯩﺮﻗﻪﯞﻩﺗﺘﯘﺭ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﻪﯞﯨﺘﻰﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﮔﯚﺵ (ﻣﻮﺳﻜﯘﻝ) ﻗﻪﯞﯨﺘﻰ (ﺗﻪﺑﻪﻗﻪﺋﻰﺋﻪﺯﻟﯩﻴﻴﻪ) ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﻪﯓ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﯘﺭ. ﺋﻪﯓ ﺋﯩﭽﻜﻰﻗﻪﯞﯨﺘﻰ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﻩﻗﻪﯞﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ (ﻏﯩﺸﺎﺋﻰ  ﺑﺎﺗﯩﻨﯩﻲﺭﻩﻫﻢ) ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button