ھەيز مەزگىلىدە كىيىدىغان ئىچ كىيىم چوقۇم ئايرىم بولۇشى كېرەك
جېجىياڭ ئۆلكىلىك قوراللىق قىسىم باش دوختۇرخانىسىنىڭ خاڭجۇ دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈم دوختۇرى شىياڭ خۇڭ پروفېسسور مۇنداق دەيدۇ: تازىلىق قەغىزىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى چاپلاشما قىسىمى، قەغەزنى ئىچ كىيىمگە چىڭ چاپلاپ تۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ، بىراق بۇ چاپلاشقاق شىلىم يۇيۇش جەريانىدا ئىچ كىيىمدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتمەيدۇ. بىر قىسىم سۈپىتى ناچارراق تازىلىق قەغىزىنىڭ چاپلاشقاق شىلىمى كۆپ بولۇپ، ئىچ كىيىمگە چاپلىشىۋالسا، قول بىلەن ئۇۋىلاش ئارقىلىقلا ئاران چىقارغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ خىل شىلىمنىڭ بەدەنگە زەھەرلىك تەركىبى بار يوقلىقى تېخى ئېنىقلانغىنى يوق. بېخەتەرمۇ ئەمەس بۇنىڭغىمۇ تېخى ئىسپات يوق. مەيلى قانداقلىكى ماددا بولسۇن، پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمىغانىكەن، ئۇ بىۋاسىتە ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سالىدۇ
گەرچە ھازىرغىچە تېخى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمىي بۇ خىل چاپلاشقاق شىلىمنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپىيىپ كېتىۋاتقان ئاياللار جىنسى يول ياللۇغىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقمىغان بولسىمۇ، بىراق، خې مۇدىرنىڭ ئاساسىي بار ھالدا مۇقىملاشتۇرىشىچە، ئۇ كلىنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 20 يىل بولغان مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاياللار ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن، مۇشۇنداق يەكۈن چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دېمىسىمۇ، ھازىر قارايدىغان بولساق ئامبولاتورىيىگە كىرگەن ئون ئايالدىن ھەيز مەزگىلىدە ئاشۇنداق چاپلاشقاق شىلىمى بولغان ئاسرىغۇچنى (护垫) ئىشلىتىدىغان ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى سورىسا سەككىز توققۇزى «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسرىغۇچنى ھەر قېتىم چاپلىغاندا ئورنى ئاز تولا يۆتكىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، تېخى يۇيۇشقا ئۈلگۈرمىگەن شىلىم قالدۇقى يەرلىك ئورۇنغا تېگىپ تاشقى جىنسىي يول ياللۇغىنى ياكى جىنسى يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.
شۇڭلاشقا، ھەيز مەزگىلىدە كىيگەن ئىچ كىيىمنى باشقا چاغلاردا كىيمەسلىك، ئامال بار شىلىملىق چاپلاشقىقى بار ئاسرىغۇچنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك
پاختىلاشتۇرغۇچى زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى بىمارلىرى بىر قېتىملىق ئىچ كىيىم كېيىشى كېرەك
ئاياللار بۆلۈم دوختۇرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە: %80 ئايالنىڭ پاختىلاشتۇرغۇچى زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى (霉菌性阴道炎) غا گىرىپتار بولغان تارىخى بولىدىكەن. بولۇپمۇ جىنسىي تۇرمۇشى بار ئايالنىڭ پاختىلاشتۇرغۇچى زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى قوزغالغان مەزگىلدە كىيگەن ئىچ كىيىمنى دەرھال تاشلىۋېتىش، ياكى بولمىسا قايناقسۇغا بېسىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەككەن. ئىچ كىيىمنى قاراڭغۇ ئورۇندا قۇرۇتۇشقا بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىملا كىيىدىغان ئىچ كىيىم كىيىش كېرەك. مۇبادا جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن كېسىلى قوزغالسا ئەر ئايال ئىككىلا تەرەپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش، داۋالىتىش كېرەك.