مەنىي بالدۇر كېتىش بىمارلىرى قانداق غىزالانسا ياخشى؟
بىرىنچى، غىزالىنىش ئومۇمىي پرىنسىپى
1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم.
2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر ئەھۋالغا قاراپ مىزاجغا مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ.
3. ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، نەشىگە ئوخشاش مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى قەتئىي ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
4. تۇتقۇچى دورىلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئىككىنچى، ئەلداۋا غىزالىنىش كۆرسەتمىسى
يېمەك ئۈچۈن : (1) ئاساسى غىزا ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن يۇمىلاق گۈرۈچ، تېرىق، ئاققوناق دېنى، كۆممىقوناق ئۇنى، قارا پۇرچاق، سۇ لەيلىسى قاتارلىقلار؛ (2) گۆش، تۇخۇم، سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن كالا-قوينىڭ پاقالچەكلىرى، قوي گۆشى، ھايۋان بۆرىكى، كەپتەر تۇخۇمى قاتارلىقلار؛(3) سەي-كۆكتات تۈرىدىكىلەردىن ئاق پۇرچاق، پېچەكگۈل، كۈدە (جۇسەي)، باش پىياز، كەرەپشە (چىڭ سەي)، پىياز، قىشلىق موگۇ (香菇) قاتارلىقلار؛(4) مېۋە-چىۋە تۈرىدىكىلەردىن ئۈژمە، ئۈزۈم، بۆلجۈرگەن، قاپاق چىلان، قارا چىلان قاتارلىقلار. (5) باشقا تۈردىكىلەر ئۈچۈن ياڭاق مېغىزى، قارىغاي ئۇرۇقى، كاشتان، كۈنجۈت قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئۇستاز ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا كۆرسەتمىسى
بارلىق ياغلىق قۇرۇتۇلغان گۆشلەر، تۇخۇم سېرىقى، پىياز ياكى غولپىياز بىلەن قورۇپ تەييارلانغان قورۇمىلار، تونۇرغا يېپىلغان تاماقلار، بارلىق تاتلىق تۈرۈملەر، شۇنىڭدەك ھەسەل، نۇقۇتتىن تەييارلانغان ھالۋىلار.
گۆشلەردىن قۇچقاچ گۆشى، قۇچقاچ مېڭىسى، تۇخۇمى، كەپتەر باچكىسى، پاقلان ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ چوقا-پاقالچىكىنىڭ قاينىتىلىغىنى ياكى قورۇلغىنى، خوراز ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ تاشاقلىرى؛
بارلىق ئېچىپ قالمىغان سۈتلەر، پىشلاق؛
مېۋىلەردىن ئۈزۈمنىڭ بارلىق تۈرلىرى، مېغىزلارنىڭ ھەممە تۈرى، بولۇپمۇ ياڭاق، بادام، پىستە، چىلغوزا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يارايدۇ؛
كۆكتاتلاردىن سەۋزە، موگۇ، ياۋا پىياز، قارا بېدە قاتارلىقلار پايدىلىق؛
ئىچىملىكلەردىن گۇلاب ۋە ھەسەل سۈيى.