ئەرلەر غىزاسى

«پىۋا قورساق»نى تېز سۈرئەتتە يوقىتىشىنىڭ ئېپى

گىرمانىيە ئوزۇقشۇناسلىق تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «پىۋا قورساق»نىڭ پەيدا بولۇشى ئەرلەرنىڭ ئېرسىيەت گېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يەنى، ئاياللار ساغرىسىدىن باشلاپ سەمرىگەندەك، ئەرلەرنىڭمۇ كۆپ قىسىم مايلىرى قورساق قىسىمىغا يىغىلغان بولىدىكەن.
ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئەرنىڭ گېنى ئوخشىمايدۇ، «پىۋا قورساق» چىقىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە، ياش-ئۆسمۈرلەردە «پىۋا قورساق» پەيدا بولسا، ئوزۇقلۇقنىڭ زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن؛ ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۈچۈن ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. بۇندىن باشقا، ھازىر كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئولتۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى ئۇزۇن، ھەرىكىتى ئاز بولغاچقا، ئوڭايلا مايلارنىڭ قورساق قىسىمىغا يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىزمەت بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە، ئاز بولمىغان كىشىلەر نورمىدىن ئارتۇق غىزالىنىپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالمۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئارتقۇزۇپ، «پىۋا قورساق» پەيدا قىلىدۇ.
ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلەر «پىۋا قورساق»نى پىۋا ئىچىش بىلەن ئالاقىدار دەپ، چۈشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، پىۋىنى قانچە كۆپ ئىچكەن كىشىنىڭ قورسىقى شۇنچە يوغان بولىدۇ. ئەمما، ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارغا كۆرە، «پىۋا قورساق» بىلەن پىۋىنى ئاز-كۆپ ئىچىشنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەن. پىۋا ئۇرۇقلاتقۇچى ئىچىملىك بولمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا سەمرىتكۈچى ئىچىملىكمۇ ئەمەسكەن.
«پىۋا قورساق» قورساق قىسىمى سەمرىش بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ قارىشىچە، قورساق قىسىمى سەمرىش سالامەتلىككە تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەڭ خەتەرلىك «قاتىل» لارنىڭ بىرى ئىكەن. قورساق سەمرىش قېرىشنى تېزلەشتۈرگۈچى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى 15 خىل كېسەللىكنىڭ قورساق سەمرىش بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە كەپلەشمىسى، ئەمچەك راكى، جىگەر-بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلار بار. نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلارغا كۆرە، «پىۋا قورساق» لىق ئەرلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپدار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى نورمال ئەرلەردىن 8 ھەسسە يۇقىرى؛ تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپدار بولۇش نىسبىتى 5 ھەسسە؛ دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپدار بولۇش نىسبىتى 7 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ «پىۋا قورساق» ئەرلەردە دائىم كۆرۈلىدىكەن.

1. ناشتىنى چوقۇم تويۇپ يېيىش
سەھەردە بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىش، ئىشقا ئۈلگۈرۈش شۇنداقلا ئورۇقلاش ئۈچۈن خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ناشتا قىلماسلىقنى ياكى بىرەر بۇردا نان، بىرەر ئوتلام چاي بىلەن كۇپايە قىلىشنى تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش ئورۇقلاشقا پايدىسىز بولۇپ قالماي، پۈتۈنلەي خاتا. ئەكسىچە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلى چۈشتىن بۇرۇنلۇق خىزمەت ۋە كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، زىيادە ئاچلىق چۈشتىكى ھەددىن زىيادە تويۇنۇپ، كۈچلۈك يېيىشكە سەۋەب بولىدۇ. بۇندىن باشقا، سەھەر ۋاقتى ئاشقازان، تال، ئۆت قاتارلىق ئورگانىزملارنىڭ فۇنكسىيىسىنىڭ قوزغىلىش پەيتلىرى بولۇپ، بۇ چاغدا ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەگەر ناشتا قىلمىغاندا، بۇ ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ۋەساغلاملىقىغا زىيان يېتىدۇ. شۇڭا، ناشتىنى چوقۇم تويۇپ يېيىش، قۇۋۋەتلىك يېيىش كېرەك.

2. چۈشلۈك تاماققا تۈرگە چەك قويماي مىقدارغا ئازغىنە چەك قويۇش
چۈشلۈك تاماق تۈرى ئۈچۈن ئانچە كۆپ چەكلىمە قويۇۋالماسلىق، ئوبدان، قۇۋۋەتلىك تاماقلىنىش كېرەك. ئەمما، شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، قورساقنى چوقۇم 7 ئۆلۈش تويغۇزۇپ، قالغان 3 ئۆلۈشىنى قانائەت بىلەن تولدۇرۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، تاماقتىن كېيىنكى دەم ئېلىشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تاماق يەپ بولۇپلا چاي ئىچمەسلىك، ئادەتتە تاماقتىن 1 سائەت كېيىن چاي ئىچكەن مۇۋاپىق.

3. كەچلىك تاماقنىڭ ئاز، لەتىف بولغىنى ئەۋزەل
كەچلىك تاماق ئەمەلىيەتتە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئەڭ مول بىر ۋاقلىق تامىقى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، «پىۋا قورساق» نى تېزگىنلەش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، كەچلىك تاماقتا ئىمكانقەدەر ئاز ۋە لەتىف بولۇشنى قوغلىشىش كېرەك. مەسىلەن، سەي-كۆكتات، سۇيۇق-سەلەڭ ئاشلار، بېلىق گۆشى، ئۇرۇق گۆش دېگەندەك.
ئۇخلاشتىن 4 سائەت بۇرۇن چوقۇم غىزالىنىشنى توختىتىش كېرەك. بولمىسا، ئىستېمال قىلىنغان تائاملار ئاسانلىقچە ھەزىم بولماي، مايغا ئايلىنىپ، قورساققا يىغىلىشىتىن باشقا، ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.


يۇقىرىقىدەك ساغلام ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى بويىچە ئوزۇقلانغاندا، ئاز بولمىغان كىشىلەر كەچتە ئاچلىق ھېس قىلىپ، ئارام ئېلىشقا تەسىرى يېتىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ پەقەت دەسلەپكى مەزگىللىك ماسلىشالماسلىق ئالامىتى بولۇپ، تاماق ئورنىدا سۈت ئىچىپ بېرىپ ياكى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە، بۇ خىل تۇيغۇنى يەڭگىللىتىپ، ماسلىشىش مەزگىلىدىن ئوڭاي چىقىۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ خىل ساغلام ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە مۇۋاپىق بولغان ئىلمىي چېنىقىش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇلسا، ئەرلىك سالاپەتكە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ساغلاملىققىمۇ ئەجەللىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «پىۋا قورساق» تىن بالدۇر خوشلاشقىلى بولىدۇ.

Back to top button