ئەرلەرنىڭ چاچ چۈشۈشىنى داۋالاشتىكى 8 خاتا قاراش
چېچى چۈشۈپ كەتكەن نۇرغۇن ئەرلەر بۇ توغرىسىدا بەزى خاتا قاراشلارغا كېلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ياكى دوختۇرخانىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، تىگىشلىك بولمىغان ئاۋارىچىلىققا قالىدۇ.
بىرىنچى خىل خاتا قاراش: چاچ چۈشۈشنى كېسەللىك دەپ قارىماسلىق
نۇرغۇنلىغان چېچى چۈشكەن ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىشنى كېسەللىك دەپ قارىمايدۇ، ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىمدە چاچ چۈشۈش(تاز بولۇپ قېلىش)، فېزىئولوگىيەلىك ئەھۋال بولماستىن، ئېرسىيەت ئاساسىدا بولىدىغان، يەنە پروتونا(Protona)دېگەن ماددا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك دەپ قارىلىدۇ.
ئىككىنچى خاتا قاراش: چاچ چۈشۈش بۆرەك زەئىپلىكتىن بولىدۇ
نۇرغۇنلىغان بىمارلار چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى بۆرەك زەئىپلىكتىن دەپ قاراپ، چېچى چۈشسىلا، بۆرەك قۇۋۋەتلەش دورىسى ئېلىپ ئىچىپلا بولىدى قىلىدۇ. بۆرەك زەئىپلىكتىن چاچ چۈشۈش جۇڭگۇ تېبابىتىدىكى بىرخىل قاراش بولسىمۇ، ئەمما چاچ چۈشۈشنىڭ ھەممىسى بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولىشى ناتايىن. ئەگەر سىز بۆرەك قۇۋۋەتلەش دورىسى ئىچسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، سەۋەبىنى تاپقاندىن كېيىن، كېسەل ئەھۋالىغا ئاساسەن دورا ئىستىمال قىلىشىڭىز كېرەك.
ئۈچىنچى خىل خاتا قاراش: ئۆزى قارىغۇلارچە دورا ئېلىپ داۋالىنىش
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەشەببۇسى: بەزى كىشىلەر قۇلايلىق بولۇشنى كۆزلەپ ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان، ئېلان تەشۋىقاتلاردىن كۆرگەن دورىلارنى سېتىۋېلىپ داۋالىنىدۇ. بەزى دورىلار داۋالاش ئۈنۈمى بەرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە داۋالاش ۋاقىتىنى ئۇزارتىۋېتىپ، چاچ چۈشۈشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ھازىرچە تېخى چاچ چۈشۈشنى ھەقىقى تۈردە ئۈنۈملۈك داۋالايدىغان دورا يوق، ئەگەر دەل ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارسا چاچ چۈشۈش ئەھۋالىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى خىل خاتا قاراش: دورا يېسە جىنسى ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەش
بەزى بىمارلار چاچ چۈشۈشنى داۋالاش دورىلىرى جىنسى ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت 2 تىپلىق ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىم ئىنگىبىتورى(چەكلىگۈچى)(بۇ دورا ئەرلەرنىڭ چاچ چۈشىشىنى داۋالايدىغان دورا) ئىشلەتكەن بىمارلارغا تېخى ياخشى بولمىغان ئاقىۋەتلەر كۆرۈلمىگەن .1000دىن ئارتۇق بىمارلار ئىچىدە ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جىنسى ھەۋىسى تۆۋەن(ئۇلار باشقا دورا ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن) بولغاندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىمىغان .
بەشىنچى خىل خاتا قاراش: چاچ يۇيۇش قېتىم سانىنى جىقلىتىش ياكى ئازايتىش
ئادەتتە قىش پەسلىدە 3-4 كۈندە بىر قېتىم، ياز پەسلىدە 2-3 كۈندە چاچ يۇيۇش نورمال بولغان چاچ يۇيۇش چاستوتىسى ھېسابلىنىدۇ. چاچنى بەك كۆپ يۇيۇش چاچنىڭ تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ، بەك ئۇزۇندا چاچ يۇيۇش بولسا باشتىكى پتىروسپورۇمنى(pityrosporum ،糠秕孢子菌) ئاۋۇتۇپ ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالتىنچى خىل خاتا قاراش: سامساق، زەنجىۋىل، ئاق ھاراق قاتارلىقلارنى سۈرتۈش
سامساق، زەنجىۋىل، ئاق ھاراقلارنى سۈرتكەندە باشقا قايتىدىن چاچ چىقىدۇ دېگەن قاراش ئومۇملاشقان، ئەمما سامساق، زەنجىۋىل، ئاق ھاراقلار غىدىقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە باشنىڭ تىرىسنى زەخىملەندۈرۈپ، ياللۇغلاندۇرۇپ، ئېغىر بولغاندا چاچ چۈشۈشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
يەتتىنچى خىل خاتا قاراش: باش كىيىم بىلەن باشنى يوشۇرۇش
دائىم باش كىيىم كىيىپ يۈرگەندە، باش قىسمىدىكى تومۇرلار باش كىيىمنىڭ تەسىرىدە بېسىلىپ قان ئايلىنىشى ياخشى بولمايدۇ. ئەگەر ياز پەسلىدەك ئىسسق پەسىلدە بولسا، باش تېرىسى ۋە تۈك خالتىسىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشى ياخشى بولماي، چاچ چۈشۈش تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
سەككىزىنچى خىل خاتا قاراش: داۋالاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماسلىق
چاچ چۈشۈشنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتە يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا كۆرىلىدۇ، ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە يىتىش ئۈچۈن1-2 يىل داۋالىتىش كېرەك. شۇ سەۋەبىدىن نۇرغۇن بىمارلار ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى ياكى ياخشى بولمىدى دەپ قاراپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرمايدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە، بىمارلار كۈندە 2 تىپلىق ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىم ئىنگىبىتورى ئىچىپ، يېرىم يىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈشنى كۆرۈنەرلىك توختاتقىلى ھەمدە چاچنى قويۇقلاشتۇرۇپ گۈزەللىشىش مەقسىتىگە يىتەلەيدىكەن . ئەمما دىققەت قىلىش كېرەككى دورا ئىچىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.