ئەرلەر تۇرمۇشى

دادىلارغا بېرىلگەن 7 تۈرلۈك ساقلىق ئۈگۈتلىرى

 ئاياللار قارىماققا ئاجىز، قەلبى نازۇك دەپ قارىلىپ ئەزەلدىن غەمخۇرلۇق، كۆيىنىش نەزىرىدە قارىلىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە  ئەزەلدىن ‹ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدۇ › دەپ تەربىيە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا كۆيىنىشكە موھتاج.
  تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە،30-45 ياشقىچە بولغان ئەرلەردە %65 تىن كۆپرەكىنىڭ ئوزۇقلۇقى تەڭپۇڭسىز بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەھۋالى ئېغىرلار %30  كە يەتكەن. قانداق قىلىپ ئائىلىنىڭ ‹تۈۋرۈكى›نى ساغلام مەزمۇت ساقلىيالايمىز؟ دۆلەت ئىچى-سىرتى مۇتەخەسسىسلەر ئەر دوستلار ئۈچۈن تۈۋەندىكى 7 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرغا قويدى.
بىرىنچى ئۆگۈت:  ئاياللار بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئەرلەرنىڭ نەچچە تۈرلۈك ئەجەللىك  ئاجىزلىقى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى يۈرەك. ئەرلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى‹心肌梗› بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىدىغان ئاياللارنىڭ 7-10 ھەسسىسىگە تەڭ كىلىدىكەن. بۇ ئەرلەرنىڭ خولېستېرول‹胆固醇› تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش  ھەمدە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن سىرت، خىزمەت جىددىي، كەيپىيات قالايمىقان بولۇشمۇ كېسەللىك سەۋەبىنىڭ بىر خىلى.

 تەدبىرى: ئەرلەر ھاراق-تاماكا تاشلاش، ئوزۇقلۇق جەھەتتىن تۇزنى، قەنىتنى، خولېستېرولنى ئاز ئىستېمال قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل  ۋە يېڭى سەي –كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئوكسىدلىنىشقا قاشى تۇرغۇچى‹抗氧化剂› بولۇپمۇ ۋىتامىنE ،قان –تومۇر دىۋارىنىڭ زەخمىلىنىشىنى توسۇپ،  قان پلاستىنكىسىنىڭ‹血小板› ئارتېرىيە تومۇرىدا ئۇيۇشۇپ قان نوكچىسى ھاسىل قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قارا ئاشلىق، ئۆسۈملۈك مېيى قاتتىق پوستلۇق مېۋە‹坚果› تەركىبىدە ۋىتامىن E كۆپ بولۇپ ئەرلەر كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. يەنە ۋىتامىن B6 ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسىنى تولۇقلاشقىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. يۇقىرى سىستېئى (高半胱氨酸)نىڭ پارچىلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ يۈرەك كىسىلى ۋە مېڭە سەكتىسىنىڭ قوزغىلىشىنى ئازايتىدۇ. ۋىتامىن B6 توخۇ، بىلىق، قارا ئاشلىق، پۇرچاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك يېمەكلىكلىرىدە، يوپۇرماق كىسلاتاسى يىشىل سەي-كۆكتات، ئاپلىسىن شەربىتى西科植物和强化谷物植物中لارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مەۋجۇت.


  ئىككىنچى ئۈگۈت: جىگەرنى قوغداش. مەسىلەن؛ ئەرلەرنىڭ ئاسان زەخمىلىنىشكە ئۇچرايدىغان ئەزالارنىڭ ئىچىدە، جىگەر ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىچىدە، ئەرلەر ئاياللارنىڭ 4 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. تۇرمۇش پائالىيىتى كۆپ  بولۇپ يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىۋەتكەندىن  سىرت يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ھاراق ئىچىش. بۇنىڭدىن سىرت ماي مىقدارى  يۇقىرى يىمەكلىكلەرمۇ جىگەرگە پايدىسىز.
  تەدبىر: ئەرلەر يېتەرلىك مىقداردا ۋىتامىنE,C.B ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى، سىنك قاتارلىقلانى ئىستېمال قىلىسا جىگەرنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

 ئۈچىنچى ئۈگۈت: مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش. مەسىلەن: ئەرلەرنىڭ بەدەن كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىغا ئەگىشىپ چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىمۇ روشەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ۋە تەپەككۇرى ئاستىلاش، ئۈگىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.
تەدبىر:  فوسفاتىد ۋو DHA چوڭ مېڭىنىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچى تەركىبى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى. بۇنىڭ ئىچىدە DHA نېرۋا تورىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم يېتەرلىك مىقداردىكى فوسفاتىد ئۇچۇرلارنىڭ يەتكۈزۈلۈش سۈرئىتىنى ۋە مىڭىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.


 تۆتىنچى ئۈگۈت: بېسىمنى ئازايتىش. مەسىلەن: قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئەرلەر ئىختىيارى ياكى ئامالسىز ھالدا ئۈي بېقىش، بالا تەربىيەلەش قاتارلىق ئېغىر يۈكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ۋە قات-قات بېسىملار بىلەن ئورالغان.
تەدبىر:  تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ماگنىي بېسىم يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق، بۇ ئىلمېنىت ئارپا، بانان، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە بولىدۇ.

بەشىنچى ئۈگۈت: جەسۇر بولۇش. مەسىلەن: قات-قات بېسىم ئاستىدا نۇرغۇن ئەرلەر ‹ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق›. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپلا قالماي ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋەتكىمۇ تەسىر يېتىۋاتىدۇ.
  تەدبىر: ئەرلەر بەدىنىدە يېتەرلىك مىقداردا سىنك بولغاندا ئاندىن جىنسىي ھەۋەسنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە قوبۇل قىلغان سىنك مىقدارى ئۆلچەمدىكىنىڭ 3 تىن 2 گە توغرا كېلىدىكەن. ئەگەر نورمال ھەرىكەت قىلىپ كۆپ مىقداردا تەر چىقسا سىنك تېخىمۇ كەمچىل بولىدۇ. تەركىبىدە سىنك مول بولغان يېمەكلىكلەردىن كۈركە توخۇ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قارارلىقلار بار. بۇنىڭدىن سىرت سىنك يەنە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسپىرمىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

ئالتىنچى ئۈگۈت: قەيسەر بولۇش. مەسىلەن: ئەرلەر دائىم ئۇخلىماي ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش، تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئىممونىتېت كۈچى ئاجىزلاپ تارقىلىشچان زۇكامدىن نېرى بولالمايدۇ.
  تەدبىر: ئەرلەر چوقۇم ئىمۇنىتېت كۈچىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، ۋىتامىن Aنىڭ ئىمۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، راكقا قارشى تۇرۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش  رولى بار ئىكەن. ئىرىمچىك، سەۋزە، قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىنA مول.


  يەتتىنچى ئۈگۈت: سۇ تولۇقلاش. مەسىلەن: ئاكتىپلىق بىلەن سۇ ئىچىشنى ياقتۇرماسلىق، دائىم مېۋە-چېۋە يېيىشنى داۋاملاشتۇرالماسلىق قاتارلىق ئادەتلەر سەۋەبىدىن ئەرلەرنىڭ بەدىنى دائىم ناھايىتى ‹قۇرغاق›بولىدۇ.
تەدبىر: بارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئىچىدە  سۇ ئەڭ مۇھىم. قورامىغا يەتكەنلەر ھەركۈنى كەم دىگەندە  2 لېتىر سۇ ئىچىشى كېرەك.
 

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەر كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ئىلمىنىتلارغا ئىھتىياجلىق. لېكىن نۇرغۇن ئەرلەر  بۇ خىل پارچە-پۇرات تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مۇرەككەپرەك، چىداش قىيىن دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئەقىللىق ئاياللار  تۇرمۇشتا ئۇلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بولسا ئۇلارغا ياردەملىشىپ قولايلىق ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى ئېلىپ بېرىشمۇ ئارتۇقچە ئەمەس. ھەر كۈنى پەقەت بىر تال يەپ قويسىلا ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىدا زۆرۈر بولغان نۇرغۇن ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button