ئەرلەر مەشىقى

مۇسكۇل چېنىقتۇرۇشتا …

كۆپ ساندىكى ئەرلەر بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ، مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ يوغىناتماقچى بولىدۇ، بىراق ئۇلار ھەر قانچە چېنىقسىمۇ ھېچقانداق ئۈنۈمىنى كۆرمەيدۇ. تۆۋەندە بىز مۇسكۇل چېنىقتۇرۇشتىكى «قالتىش چارە» – «بىر كۈندە ئىككى قېتىم چېنىقىش» نى تونۇشتۇرىمىز، بىراق بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ئالدىنقى شەرتى بار.
1. چېنىقىش ۋاقتىنى كونترول قىلىش
ھەر قېتىملىق مۇسكۇل چېڭىتىش چېنىقىشىنى ئېلىپ بارىدىغان ۋاقتىنى 40 مىنۇتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بەك ئۇزاق ۋاقىت چېنىقىشنىڭ مۇسكۇل چىڭىتىشقا پايدىسى يوق.

2. بىر ئورۇندىكى مۇسكۇلنى تەكرار چېنىقتۇرۇش
بىر كۈندە ئىككى قېتىم مۇسكۇل چىڭىتىش ھەرىكىتى ئىشلىگەندە، ئوخشاش بىر ئورۇندىكى مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇش. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى لايىھەسى بار.
1-لايىھە: ئەتىگەندە، ئېغىرلىقى چوڭ بولغان، قېتىم سانى ئاز بولغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاش؛ كەچتە ئېغىرلىقى كىچىك بولغان، قېتىم سانى كۆپ بولغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاش.
2-لايىھە: ئەتىگەندە ئېغىرلىقى كىچىك بولغان، تېز سۈرئەتتە، كۆپ قېتىم تاماملايدىغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاش، كەچتە ئېغىرلىقى چوڭ بولغان، تېز سۈرئەتتە تاماملايدىغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاش.

3. مۇۋاپىق چېنىقىش ھەرىكىتى
ئەگەر سىز مۇسكۇللىرىڭىزنى چېنىقتۇرۇپ يوغىناتماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئىككى قېتىملىق چېنىقىشتا ئوخشىمىغان ھەرىكەتلەرنى تاللاڭ.
4. ئارىلىقتىكى دەم ئېلىش ۋاقتى 4-6 سائەت بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش
بۇ ئەڭ مۇھىم نۇقتا، چۈنكى دەم ئېلىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ئەتىگەنكى چېنىقىش پەيدا بولغان پسىخىكا ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. دەم ئېلىش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قالسا، مۇسكۇللار چارچاپ كېتىدۇ.
5. بىر كۈندە ئىككى قېتىم چېنىقىشنى ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىش
بىر كۈندە ئىككى قېتىم چېنىقىش ئۇسۇلى ياخشى بولسىمۇ، ھەر كۈنى قىلىشقا ماش كەلمەيدۇ، بۇنىڭغا ۋاقىت چىقىرىش-چىقىرالماسلىق گەرچە بىر مەسىلە بولسىمۇ، بەدىنىمىز بىر كۈندە ئىككى قېتىم چېنىقىشنىڭ ئېغىر بېسىمىغا بەردەشلىق بېرەلمەيدۇ.

Back to top button