ئەرلەرنى 5 ياش ياشارتىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلى
ھەرىكەت تېببىيشۇناسلىقى تەتقىقاتىدا كۆرستىلىشىچە، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەر ئىچىدىكى قول-بېلەك ۋە بەل-قورساقنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان، بەرداشلىقنى چېنىقتۇرىدىغان تەنھەرىكەتلەر جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك چېنىقىش ئۇسۇلى دەل ئاستا يۈگۈرۈش بولۇپ، ئاستا يۈگۈرۈش ئارقىلىق %66 كىشىنىڭ جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتى ياخشىلانغان. ئامېرىكىدا ئۇدا 10 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئەرلەرنىڭ قېرىشىغا ئائىت بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇزاق ئولتۇرىدىغان ئەرلەرنىڭ زەكەر قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچراش (ED، Erectile dysfunction ) نىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن، ھالبۇكى، كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ 30-20 مىنۇت تېز مېڭىپ بېرىش ياكى ئاستا يۈگۈرۈپ بېرىش زەكەر قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچراشنى ئەسلىگە ياندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە ئىكەن. ھەر ھەپتىسى 3 سائەتتىن ئارتۇق يۈگۈرۈپ چېنىقىدىغان ئەرلەرنىڭ زەكەر قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچراشقا گىرىپدار بولۇش خەتىرى چېنىقمايدىغان ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا %30 تۆۋەن بولۇپلا قالماي، جىنسىي ئىقتىدار يېشى 5 ياشتىن 2 ياشقىچە ياشىرىدىكەن.
ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرشىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۈگۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانىمۇ چېنىقمايدىغانلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپ بولىدىكەن. باشقا بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇزاققا يۈگۈرۈپ چېنىققۇچىلارنىڭ تەقى-تۇرقى جەلبىكار بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ياخشى، جىنسىي تۇرمۇشى ئىناق بولىدىكەن.
يۈگۈرۈشنىڭ جىنسىي ئىقتىدارغا بۇقەدەر پايدىلىق بولۇشىدىكى سەۋەب:
1. يۈگۈرۈش جەريانىدا داس سۆڭكى مۇسكۇلى، جىنسىي ئەزا ئەتراپىدىكى چاتراق مۇسكۇللىرى قىسقىرىپ، قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، سېزىمچانلىقى ئېشىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت سۈپىتىنى يۇقىر ى كۆتىرىدۇ.
2. جىنسىي ئەزا مۇسكۇلىنىڭ كېرىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، جىنسىي ھېسىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3. بەل-قورساق مۇسكۇللىرىنى، ساغرا مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ، ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، كىشىنى تېخىمۇ جەلىبكار قىلىپلا قالماي، مۇھىمى پۇت-پاچاقلارغا ماغدۇر قوشۇلىدۇ-دە، جىنسىي ئىقتىدارمۇ تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
4. بەدەندىكى ئېندروفىن (endorphin) دېگەن ماددىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ، جىنسىي ھاياجانلىنىشىنى ياخشىلايدۇ.
تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتىلىشىچە، مۇۋاپىق چېنىقىش ئادەم بەدىنىدىكى جىنسىي ھورموننىڭ، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ تېىنىدىكى ئۇرۇقدان ھورمۇنى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. ئەمما، چېنىقىش چوقۇم لايىقىدا بولۇشى، بىر قېتىملىق چېنىقىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى 2 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بولمىسا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشى ياكى ئويلىمىغان باشقا ناچار ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.