ئەرلەر ساغلاملىقدىكى ‹‹ 7 چوڭ قاتىل ›› نىڭ سىرى
ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلگەن، قايسى جەڭدە يېڭىلگەن. ئەرلەر سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان << 7 چوڭ قاتىل>> نى چۈشەنگەندە، ئۇلار بىلەن بولغان كۈرەشكە ياخشى تەييارلىق قىلغىلى بولىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش، جاھىللىق بىلەن ئەرلەرنى تۇغۇلۇشىدىنلا يېڭىلمەس دەپ قارىماسلىق كېرەك .
بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئەرلەر بارا-بارا ئاجىز توپقا ئايلىنىپ قالماقتا. ئائىلە، جەمئىيەت ۋە خىزمەت بېسىمى ئۇلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قويماقتا. ئەكسىچە ئەنئەنىۋى كۆزقاراشتا «سەن دېگەن ئەر ، سەن چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىڭ كېرەك» دېيىلىدۇ . بۇنداق بىمەنە قۇرۇق سەپسەتىچى چۆرۈپ تاشلاپ، ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپ ، ئۆزىڭىزگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ !
1 – قاتىل: بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى دېگىنىمىز بويۇن ئومۇرتقا تەخسىسى چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، بويۇن ئومۇرتقا سۆڭەك ماددىسىنىڭ ئۆسۈپ قېلىشى ھەمدە بويۇن قىسىمى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئىچكى-تاشقى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى بويۇن قان تومۇرى، نېرۋا ۋە يۇلۇننىڭ غىدىقلىنىش ياكى بېسىلىپ قېلىشىدىن پەيدا بولغان بىر قاتار ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ .
ئاساسلىق ئالامەتلىرى: بويۇن ۋە مۈرە قىسىمى ئاغرىش، يۇقىرىقى قول-بىلەكلىرى قولىشىش، ئېغىر بولغاندا ئاستىنقى پۇتى يىگىلەش، پىيادە مېڭىش قىيىنلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر: ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنى ئاساس قىلىدۇ. ياشلارغا يامراش يۈزلىنىشىدە.
بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلاملىقى ئەرلەرنىڭ « راۋۇرۇس ئادەم »بولۇش بولالماسلىقىغا بىۋاسىتە چېتىلىدۇ.
دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كەڭ دائىردە يامراۋاتقان بۇ خىل كېسەلىكنى بىزنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە خىزمىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئېيتالمايمىز، ئەلۋەتتە. كۈن بويى بىر ئورۇندا ئولتۇرىۋەرمەڭ! كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ باش-بوينىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىڭ. بولمىسا ئولتۇرۇپ قېلىپ ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىش چىقمىسۇن.
2-قاتىل: جىگەرنى ماي قاپلاش
جىگەرنى ماي قاپلاش دېگىنىمىز ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەر ھۈجەيرىلىرى ئىچىدە ياغلارنىڭ كۆپ مىقداردا يىغىلىپ قېلىشدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشىدۇر.
نورمال جىگەر ياغ مىقدارى جىگەر ئېغىرلىقنىڭ %4~%3 نى ئىگىلەيدۇ. مۇبادا جىگەر ياغ مىقدارى جىگەر ئېغىرلىقىنىڭ %5 دىن ئېشىپ كەتسە، جىگەرنى ماي قاپلىغان ھېسابلىندۇ . ئېغىر بولغانلاردا جىگەر ئېغىرلىقىنىڭ %50~%40 تىگمۇ يىتىدۇ.
ئاساسلىق ئىپادىلىرى: چارچاش ، كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش ھەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يەرقان (سېرىقلىق چۈشۈش)، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى كۆرلىش قاتارلىقلار .
تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر : 50~ 30 ياشلاردىكى ئەرلەر
جىگەر ياللۇغلىنىش ئاللا بۇرۇن «ئاقسۆڭەكلەر كېسەللىرى» قاتاردىن چېكىندى. نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى جىگەر ياللۇغلىنىش كېسىلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ يېشى ئەسلىدىكى 50ياشتىن يۇقىرىلاردىن 30ياشقا تۆۋەنلىدى . بۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىمىسا بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە جىگەرنى ماي قاپلاش ئەرلەرگە ئالاھىدە << ئامراق >>، بۇمۇ ئەرلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە . تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا جىگەرنى ياغ قاپلاش ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ جىگەر كېسىلىگە ئايلانغان بولۇپ ، ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت كۆرسەتمەكتە.
3 – قاتىل: يەللىك بوغۇم ئاغرىقى
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولسا ئاستا خاراكتېرلىك مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش كېسىلى، ئاساسى ئالاھىدىلىكى بەدەن ئىچىدىكى بورات (سۈيدۈك كىسلاتا تۇزى) كۆپ مىقداردا ھاسىل بولۇشى ياكى بۆرەكنىڭ بورات كىسلاتانى چىقىرىشىنىڭ كېمىيىشى تۈپەيلى قان سۇيۇقلۇقى بورات كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ . كلىنىكىدا يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئاساسلىق ئالامەتلىرى : بوغۇم ياللۇغى قايتا-قايتا قوزغىلىش ، بۆرەك سانجىقى ، قان سىيىش ، بۆرەك جامىغا قان يىغىلىش .
تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر : 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئەرلەر .
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولسا قەدىمكى كېسەل بولۇپ ھەم يېقىنقى يىللاردىن بويان كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان بىر خىل سۇزۇلما كېسەلىك، كېسەللىك جەريانى ئون نەچچە يىلدىن يۇقىرى ھەمدە مۇددەتلىك قوزغىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، كىشىلەر ھەمىشە بۇ خىل كېسەلگە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ خەتىرىگە بولغان تونۇشىمۇ يېتەرلىك ئەمەس . يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ھەرقايسى ياشلىقلاردا ئوخشاشلا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بار، ئەڭ كۆپ كۈرۈلىدىغانلىرى بولسا 40 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ئەرلەر .
4-قاتىل : راك كېسىلى
ئاشقازان راكى ئەرلەر ئاسان گىرىپتار بولىدىغان راك كېسىلىدۇر . دۆلىتىمىزدە ئاشقازان راكى بىلەن ئۈلۈش نىسبىتى ھەر قايسى راك كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . بۇ خىل كېسەل ئاشقازاندىكى مەلۇم كېسەللىكلەر ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ۋە ئىرسىي ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
ئاساسلىق ئالامەتلىرى : ئۈستۈنكى قورساق كۆپۈپ ئاغرىش، يوشۇرۇن ئاغرىش، تاماقتىن سەسكىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئېغىرلاشما كەمقانلىق كېسىلى ۋە ئۇرۇقلاش، ئېغىرلاش مەزگىلىدە يۇقىرىقى قورساق قىسمىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنەكچىنى بىلگىلى بولىدۇ، تەرەتتىكى يوشۇرۇن قان مۇسبەت بولىدۇ .
تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر : جەمەت خاراكتېرلىك كېسەللىك تارىخى بار ئەرلەر ، 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەر ، ئاشقازان راكى بىلەن «قېرىنداش» بولغان قىزىل ئۆڭگەچ راكى، چوڭ ئۈچەي راكى، يامان سۈپەتلىك لىمفا راكىغا ئوخشاشلا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچدە ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەرنىڭ سانى خېلىلا كۆپ. قىزىل ئۆڭگەچ راكى كۈپ ئۇچرايدىغان ھەزىم قىلىش راكى بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى كېسەلىك قوزغىلىش نىسبىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ %60 نى ئىگىلەيدۇ؛ چوڭ ئۈچەي راكى بوغماق ئۈچەي راكى ۋە تۈز ئۈچەي راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەر-ئايالنىڭ كېسەللىك كۆرۈلۈش نىسبىتى 2:1 ؛ يامان سۈپەتلىك لىمفا راكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ،پۈتۈن بەدەن كېسەللىك قوزغالغانلار بىر قەدەر ئاز ، بىراق ئەرلەردە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى يەنىلا بىزنىڭ ئېتىبارىمىزنى قوزغايدۇ .
5-قاتىل: تۇتقاقلىق كېسىلى
تۇتقاقلىق كېسىلى ئىلگىرى ئېپىلېپسىيە دەپمۇ ئاتالغان. مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق زەرەت قۇيۇپ بېرىشىدىن قايتا-قايتا قوزغىلىدىغان تۇيۇقسىز ھەم قىسقا ۋاقىتلىق مېڭە فۇنكسىيە تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرىكەت، سېزىم، ئاڭ، ۋىگىتاتىپ نېرۋا، روھى-ھالەت قاتارلىقلارنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدا ياكى ھەممە ئالامەتلەر بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ .
ئاساسلىق ئالامەتلىرى: ئەس-ھوشىنىڭ تۇيۇقسىز يوقلىشى، پۇت-قولنىڭ تارتىشىش، ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىش ياكى جۆيلۈش، ھوشىغا كەلگەندە نورمال ئادەملەر بىلەن پەرقى بولمايدۇ .
تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر: 30 ياش ئەتراپىدىكى ئاق ياقلىق ئەرلەر .
دۆلىتىمىزدە ھازىر 6 مىليونغا يېقىن تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار بار ھەمدە يىلىغا 270 مىڭ ئادەم بۇخىل كېسەلگە گىرىپتار بولماقتا . ئادەتتە ، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ . ئاساسلىقى ياشلىق دەۋردە قوزغىلىدۇ ، 30 ياشتىن بۇرۇن قوزغىلىش نىسبىتى %66 نى ئىگىلەيدۇ ، 50 ياشتىن كېيىن %15 گە يەتمەيدۇ .
6- قاتىل: دىئابىت( قەنت سىيىش) كېسىلى
دىئابىت( قەنت سىيىش) كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىچكى ئاجراتما مېتابولىزم كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ. بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ مۇتلەق ياكى نىسپىي كەم بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرى قان شېكىرىنى ئاساسى ئالاھىدىلىك قىلغان بىرخىل ئۆمۈرلۈك كېسەل .
ئاساسلىق ئالامەتلىرى : كۆپ يېيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈش، يەنە بۆرەك كېسىلىنى، كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار .
تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر : 30 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر .
ئادەم بەدىنىدە بەلگىلىك قويۇقلۇقتىكى گلۇكوزا (قەنت) كۈندىلىك تۇرمۇش ھەرىكەتلەر ئۈچۈن ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ . بىز ئوزۇقلانغاندىن كېيىن قاندىكى گلۇكوزىنىڭ قويۇقلۇقى ئۆرلەيدۇ ، ئىنسۇلىننىڭ تەسىرىدە قاندىكى گلۇكوزا ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىدۇ ھەم بىر قاتار بىئو-خىمىيىۋىلىك رېئاكسىيە ئارقىلىق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئادەم بەدىنىدە ئىنسۇلىن كەم بولسا ياكى ئۆز رولىنى تۇللۇق جارى قىلدۇرالمىسا ، قان تەركىبىدىكى گلۇكوزا ھۈجەيرە ئىچىگە نورمال شەكىلدە كىرەلمەي مېتابولىزم ئېلىپ بارالمايدۇ . بۇ ئارقىلىق قان تەركىبىدىكى گلۇكوزىنىڭ نورمالسىز ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قەنت سىيىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ . تەرەققىي قىلغان ئەللەردە قەنت سىيىش كېسىلىنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %10~5 گە يېتىدۇ . دۆلىتىمىزدە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %3 گە يەتتى .
7-قاتىل : يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى ئاساسلىقى ئارتېرىيە قېتىش . ئارتېرىيە قېتىش بولسا ئارتېرىيە تومۇرى ئىچكى دىۋارىدا ياغ ، خولېسترول قاتارلىقلارنىڭ چۆكمە بولۇپ يىغىلىشى ھەمدە تالا توقۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كالتسىيلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىدۇ . بۇ خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيەگە تەرەققىي قىلغاندا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ، يۈرەك سانجىقى ، سەكتە شەكىللىنىدۇ ھەمدە جىددىي خاراكتېرلىك ئۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئاساسلىق ئالامەتلىرى : يۈرەك سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، باش ئاغرىش، كۆكرەك ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش .
تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر : 45~30 ياشتىكى ئەرلەر .
يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشى ، تەرەققىي قىلىشى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . «قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى ، ئۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى ، پالەچ بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ، قايتا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى» ھەمدە «كۆپ خىل كېسەللىك تەڭ قوزغىلىش»دىن ئىبارەت تۆت يۇقىرى بىر كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىككە ئىگە .
يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئاللىبۇرۇن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان « باش جىنايەتچى»دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى . پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 15 مىليون ئادەم يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ . دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تەخمىنەن 4 مىليون ئادەم مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ .
تۇرمۇش سەۋىيىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا بىزنىڭ ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر . ئەمەلىيەتتە ئالدىنى ئېلىش ئۇنچە تەس ئەمەس ، پەقەت سىز ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلىسىڭىزلا ، ھەقىقى ئەركەك بولۇش ھەرگىزمۇ بىر جۈملە قۇرۇق گەپ ئەمەس .