ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك
ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى باشقا ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئاشقازاندىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئىچىدە، بەز راكى (腺癌) 95% نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ بۇمۇ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھەزىم قىلىش يولىدا كۆرۈلىدىغان ئۆسمە. ئۇنى ھەتتا ئىنسانلاردا كۆرۈلگەن ئەڭ يامان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆسمە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئىنتايىن ئاجىز ئاغرىق ئالامىتى بولىدۇ. بىراق روشەن كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغاندا بولسا، كېسەللىك ئاللىبۇرۇن پىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ ۋاقتىدا بايقاش كېرەك.
بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك بەش خىل سىگنالغا ئېتىبارسىز قارىماسلىقى كېرەك:
1. قورساقنىڭ يۇقىرى قىسىمى ئاغرىش: بۇ ئادەتتە ئاشقازان راكىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامىتى. دەسلەپتە ناگان ناگاندا يوشۇرۇن ئاغرىيدۇ، ئادەتتە كۆپ ھاللاردا ئاشقازان ياللۇغى ياكى يارىسى دەپ خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.
2. قورساقنىڭ يۇقىرى قىسىمى بىئارام بولۇش: كۆپۈپ كەتكەندەك ياكى كۈيۈۋاتقاندەك ھېسياتتا بولىدۇ. بەزىدە توختايدۇ، يەنە ئارىلاپ قوزغىلىپ قالىدۇ.
3. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆپ كېكىرىش: ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىدا كۆپىنچە شۇنىڭدەك ئالامەتلەر بولىدۇ.
4. چوڭ تەرەت قاپقارا ياكى قان ئارىلاش كېلىش: مۇبادا قان دۇفۇ (血豆腐)، ياكى باشقا ئالاھىدە دورىلارنى يېمىگەن شارائىتتا چوڭ تەرەت قاپقارا كەلسە بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
5. ماغدۇرسىزلىنىش، ئورۇقلاپ كېتىش ياكى قان ئازلىق : بۇمۇ يەنە بىر خىل ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاشقازان راكىنىڭ ئالامىتى.