ئەرلەر ساقلىقى

ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان 6 ئامال

1. ئۈمىدۋار روھىي-ھالەتنى ساقلاش
كۈنىمىزدىكى كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىر، ئۆگىنىشى جىددىي بولۇپ، مېڭىنى نورمىدىن ئارتۇق ئىشلىتىدۇ. ئىشلارغا ئوڭاي خۇش بولۇپ، ئوڭاي قايغۇرىدۇ. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى چاچ چۈشۈشكە سەۋەب بولىدۇ. ئادەتتە، مېڭە ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىلسە ياكى كۆڭۈل چېگىشلىرى يېشىلمەي، پەرىشان ھالەتتە، ئىچى سىقىلسا، ئوڭاي جىددىيلەشسە، مېڭە ئىنتايىن چوڭ غىدىقلىنىپ، بەزىدە چاچنىڭ نورمال ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى ۋە ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، ئەرلەر ئادەتتىكى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش داۋامىدا بىر خىل ئۈمىدۋار ، ئاكتىپ روھىي-ھالەتنى ساقلىشى، ئوڭاي ھاياجانلانماسلىقى، ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنى جەزمەن ياخشى ماسلاشتۇرۇشى لازىم.

2. مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىش، يېتەرلىك ئۇخلاش
مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىش بېسىم يېنىكلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. يېتەرلىك ئۇيقۇ بولسا تېرە ۋە تۈك خالتىلىرىنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بولۇپمۇ بۇ خىل ماددا ئالمىشىش كەچ سائەت 10 دىن سەھەر سائەت 2 گىچە بولغان مەزگىلدە بولىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ ۋاقىتتىكى ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشى تۈك خالتىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى نورمال سەۋىيىدە ساقلايدۇ. ئەگەر تۈك خالتىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ۋە ئوزۇقلىنىشى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتسا، چاچ چۈشىدۇ. شۇڭا، ئەرلەر كۈندە يېتەرلىك ئۇخلىشى، ئۇخلاش ۋاقتى 6 سائەتتىن كەم بولماسلىقى لازىم.

3. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش
چېچى چۈشكۈچىلەر ئۈچۈن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم. ئوزۇقلىنىشتا، تۆمۈر ماددىسى مول بولغان پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، راك، بانان، پالەك، سەۋزە، ياڭيۇ قاتارلىقلارنى؛ ئۆسۈملۈك ئاقسىلى مول بولغان قوناق، دادۇر، قارا قىچا قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە، يېڭى سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ، گۆش تۈرىدىكى كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش لازىم. مۇۋاپىق يود ۋە ۋىتامىن E نى تولۇقلاش كېرەك.

4. چاچنىڭ تاشقى مۇھىتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراشتىن ساقلاش
كۈچلۈك نۇر، بۇلغانغان ھاۋا،  خىمىيىلىك زەھەر، چاچ بويىقىغا ئوخشاش  چاچنى زەخىملەندۈرىدىغان ئامىللاردىن ئىمكانقەدەر نېرى تۇرۇش لازىم.

5. چاچنى دائىم يۇيۇش ۋە تاراش
ھەر كۈنى چاچنى 100 قېتىم تاراپ بەرگەندە، باش تېرىسىنى غىدىقلاپ، چاچنى شامالدىتىپ، باش تېرىسىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. مايلىق چاچنى دائىم يۇيۇپ بەرگەندە، ماي ۋە كىرنىڭ تۈك خالتا تۈشۈكلىرىگە قاپلىشىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قىسقىسى، چاچنى دائىم يۇيۇپ-تاراپ بەرگەندە چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

6. چاچ چۈشۈشكە قارشى داۋالاشقا ئىشەنچ باغلاش
ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، چاچ چۈشۈشنى داۋالاشقا قارىتا ئىشەنچ بىلەن قاراش كېرەك. چاچ چۈشۈپ تاقىرباش بولۇپ قالغانلار ئارتۇقچە قايغۇرماسلىقى، ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماسلىقى لازىم. پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە چاچ چۈشۈشكە بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشى، چاچ چۈشۈشنى داۋالاش تەجرىبىلىرىنىڭ توپلىنىشى بىلەن، ئىنسانىيەت ھامان چاچ چۈشۈشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنىڭ شىپاسىنى تاپقۇسى!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button