ئەرلەر ساقلىقى

6 تۈرلۈك ئاجىزلىق ئەرلەرنىڭ ئۆمۈرىنى قىسقارتىدۇ

شۇنىسى ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرىدىن قىسقا. بۇنداق بولۇشىنى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ئەرلەردىكى تۆۋەندىكىدەك 6 تۈرلۈك ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن دەپ قارايدۇ.

1. ئاشقازان
ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھاراق ئىچىپ، تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ تاماقلىنىشتا بولسا دائىم ئاچ قالغان بۆرىدەك تويۇپ يەيدۇ. شۇڭا، ئەرلەردە ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا %6.2 يۇقىرى بولىدۇ.

2. يۈرەك
ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ئاياللارغا قارىغاندا نىسبەتەن جىددىي، دۇچ كېلىدىغان بېسىملىرى بىرقەدەر ئېغىر بولغاچقا، ئەرلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا 10-7 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەرلەر يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىكتىن باشقا، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىشى، تۈرلۈك خىزمەت بېسىمى ۋە روھىي بېسىملارنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىشى لازىم.

3. جىگەر
ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە، يۈرۈش- تۇرۇشلىرى مۇرەككەپ، ھەر خىل تىپتىكى جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بۇندىن باشقا، ئەرلەر ھاراقنى كۆپ ئىچىدۇ. ئەمما، جىگەر كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 80-60 گىرام ئىسپېرتنى قوبۇل قىلىپ ئايلاندۇرالايدۇ، بۇ نورمىدىن ئارتىپ كەتسە جىگەر زەخىملىنىدۇ. ئاخىرىدا جىگەر قېتىشىپ جانغا زامىن بولىدۇ.

4. مەزى بېزى
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ %60 تى مەزى بېزى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەزكۇركېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلشىتا مەزى بېزىغا ئۇزاق ۋاقىت بېسىم چۈشۈشتىن ساقلىنىش (يەنى ئۇزاق ئولتۇرماسلىق، ئۇزاق پىيادە يول يۈرمەسلىك)، جىنسىي تۇرمۇشنى رەتكە سېلىش، ئاچچىق-چۈچۈك غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.

5. تۈز ئۈچەي (كۆتەن ئۈچەي)
ئەرلەرنىڭ مايلىق ۋە ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. ئەمما، پەن-تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ماي ۋە ئاقسىلنى نۇرمىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىش تۈز ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا، تۈز ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوزۇقلىنىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، سېللۇلوزا تەركىبى مول بولغان سەي-كۆكتاتلار، مېۋە-چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.

6. تېرە
خېلى كۆپ ساندىكى ئەرلەر تېرە ساغلاملىقىغا ئېتىبار بېرىشمەيدۇ، ئاپتاپتىن مۇداپىئە كۆرمەيدۇ، تېرە راكىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. شۇڭا، ئەرلەرنىڭ قارا پېگمېنت راكى تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا 2 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button