ئەرلەر ساقلىقى

كىچىك سىناق: مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپسىزمۇ؟

ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ «ئىزباسار» لىرىدۇر. مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان ئەرلەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان، تەكرار قوزغالغان كېسەللىكنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىشماقتا. ھالبۇكى، كۆپىنچە مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان «نىمكەش» بىمارلار ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپقانلاردۇر. چۈنكى، ئۇلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىنىۋاتقانلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشمەيدۇ، ئادەتتە تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېسەللىكى توختىماي ئېغىرلىشىپ، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قېلىش قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەندىلا ، ئاندىن داۋالىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.

اشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار مەزى بېزى ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان توپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆپرەك چۈشىنىشى، كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

1. سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا ئاجرالمىلار بولۇش
يېنىك دەرىجىدىكى مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدا سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا ئاجرالمىلار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر، ئەتتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا شىلىمشىق ئاجرالمىلار بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈتۈش لازىم. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋال دەل مەزى بېزى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

2. سۈيدۈك بىنورمال بولۇش
سۈيدۈك پات-پات كېلىش، سېيگەندە ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك قىستاش (قىستىغاندا چىدىغىلى بولماسلىق)، سۈيدۈك ئاجرىتىش راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈيدۈك يولى يۇقۇملانغاندا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بولۇپ، ئەر دوستلاردا مۇشۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە، سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا كېسەللىك بارلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. شۇڭا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈيدۈكىنى دائىملىق تەكشۈرۈش قائىدىسى بويىچە تەكشۈرۈتىشى لازىم.

3. مەقئەت ئەتراپى ئاغرىش
مەزى بېزى مەقئەتكە يېقىن جايلاشقان بولۇپ، ياللۇغلانغاندا، مەقئەتتىن ئوتتۇرا بارماقنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەزى بېزىنىڭ يوغانغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغلانغانلىقى سەۋەبلىك بىماردا مەقئەت، چاتراق قىسىمى ئېسىلىپ ئاغرىغاندەك سېزىم بولىدۇ، ئۇزاق ئولتۇرغاندا ياكى ئۇزاق زوڭزىيىپ تۇرغاندا ئاغرىق ئېغىرلايدۇ.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئالامەتلەر يېنىك تىپتىكى مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى بولۇپ، دوستلارنىڭ ئۆزىدىكى مەزى بېزى ساغلاملىق ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم چىقىرىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سەمڭلاردا بولسۇنكى، ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر بولسا، چوقۇم قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش، ئىمكانقەدەر تېز دوختۇرخانىغا بېرىپ سىستېمىلىق تەكشۈرۈنۈپ داۋالىنىش كېرەك. مەزى بېزى ياللۇغىنى دەل ۋاقتىدا، ئىلمىي داۋالىغاندا، ئادەتتە بىرقەدەر تېز داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button