ئەرلەر كېسەللىكى

ئەرلەر ساغلاملىقىدىكى «ئەڭ ئېسىل» پەيتلەر

  1. چىش چوتكىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: تاماقتىن كېيىنكى ئۈچ مىنۇت ئېغىز چايقاش ۋە چىش چوتكىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلار ئېغىز بوشلۇقىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ، كېسلاتالىقى يۇقىرى بولغان ماددىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ماددىلار چىش ئىمال ماددىسىنى چىرىتىپ ۋە ئېرىتىپ چىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
  2. 2.      2. چاي ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: تاماقتىن بىر سائەت كېيىنكى ۋاقىت چاي ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. نۇرغۇن كىشىلەر تاماق يەپ بولۇپلا قىززىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق ئىلمىيلىكى يوق. چۈنكى چاي تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى بىلەن بىرىكىپ ئاسان ئېرىمەيدىغان تۆمۈر تۇزى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئىنسان تىنىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بولغاچقا، ۋاقىت ئۇزارغانچە، قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  3. 3.      3. سۈت ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى:
    سۈت تەركىبىدە مول كالىتسىي بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچسە، كېچىدىكى قان تەركىبىدىكى كالىيسىينىڭ كام بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، سۆڭەكنى قوغداش رولىنى ئۆتەيدۇ، شۇنداقلا سۈتنىڭ ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولى بار.
  4. 4.      4. مېۋە يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى:
  5. مېۋە يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى تاماقتىن بۇرۇنقى بىر سائەت بۇرۇنقى ۋاقىت. چۈنكى مېۋە خام يېيىلىدىغان يېمەكلىك بولغانلىقتىن، خام يېمەكلىكتىن كېيىن پىششىق يېمەكلىك يىگەندە، بەدەندىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ كەتمەيدۇ، بۇ ئادەم تېنىنىڭ ئېممۇنىتېت سېستىمىسىنى قوغداشقا پايدىلىق.
  6. 6.      5. ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى:
  7. چۈشتىن بۇرۇن سەككىزدىن 10 غىچە، چۈشتىن كېيىن تۆتتىن يەتتىگىچە بولغان ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. بۇ ۋاقىتتا كۈن نۇرىدا ئادەم تىنىگە پايدىلىق بولغان  ئۇلترا بىنەپشە Aنۇرى ئاساس بولىدىغان بولۇپ، ئادەم تىنىدە ۋىتامىن Dنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئادەم تىنى ئېممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ سىل كېسىلى ۋە سۆڭەك بوشىشىش كېسىلىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ شۇنداقلا قان تومۇر قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

6. ھۆسىن تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى:
تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى يېرىم كېچە 12 دىن سەھەر ئالتىگىچە بولىدۇ، شۇڭا كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن تېرىگە قارىتا ئاسراش ئېلىپ بارغاندا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدىغان بولۇپ، ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

7. سەيلە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى:
تاماقتىن كېيىنكى 45 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە بولغان ۋاقىتتا 4.8 كىلومېتر سائەتلىك تېزلىك بىلەن 20 مىنۇت سەيلە قىلغاندا بەدەندىكى ئىسسىقلىقلىق خورىشى ئەڭ تېز بولىدىغان بولۇپ، ئورۇقلاشقا ئەڭ پايدىلىق. ئەگەر تاماق يەپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن سەيلە قىلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  • يۇيۇنۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى:
    ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىلمان سۇ (35 سىلسىيە گرادۇستىن 45 سىلسىيە گرادۇسقىچە بولغان) دا يۇيۇنىۋالغاندا، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇل، بوغۇملار بوشىشىپ، قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ-دە، تاتلىق ئۇيقۇغا غەرق بولىشىڭىزغا زور ياردىمى بولىدۇ.
  • 9.      9. ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى:
    چۈشلۈك ئۇيقۇ سائەت 13 دىن باشلانغىنى ئەڭ ياخشى، بۇ ۋاقىتتا ئادەم تىنىدىكى سەزگۈلەر ئاجىزلىشىپ، ئاسانلا ئۇيقۇغا غەرق بولىدۇ. كەچتە سائەت 22 دىن 23 كىچە ئۇخلىغان ئەڭ ياخشى، چۈنكى ئادەمنىڭ ئەڭ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىدىغان ۋاقىت يېرىم كېچە 12 دىن ئىككىنچى كۈنىدىكى تاڭ سەھەر ئۈچكىچە بولىدىغان بولۇپ، ئادەملەر ئۇخلاپ بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاندىن قاتتىق ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرەلەيدۇ
  • 10.   10. چېنىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىكەچ چېنىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. سەۋەبى: ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي كۈچىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇش ۋە ئادەم تىنىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى، چۈشتىن كېيىن ياكى زاۋال ۋاقتىدا ئەڭ ياخشى ھالەتكە يېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ تەم سەزگۈسى، كۆرۈش سەزگۈسى، ئاڭلاش سەزگۈسى قاتارلىقلار ئەڭ سەزگۈر ھالەتكە يېتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، بولۇپمۇ يۈرەك رېتىمى ۋە قان بېسىمى بىر قەدەر تۇراقلىق بولىدىغان بولۇپ، چېنىقىشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ. .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button