رەئىس ئەزالار ئاجىزلىقىدىن پەيدا بولغان جىنسىي ئاجىزلىق
رەئىس ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى مېڭە، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالاردىكى ئاجىزلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان، بۆرەك ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يۈرەك ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى: تومۇر سوقۇشىنىڭ ئاجىز، كۈچسىز بولۇشى، ئاددىي ھادىسىلەردىنمۇ يۈرەك چالاڭغۇراش، قۇرقۇش، بەدەن تىترەش، جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن باش قېيىش، يېرىم ھوشسىزلىنىش، قورقۇنچاق، تارتىنچاق بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار.
مېڭە ئاجىزلاشقانلىقنىڭ ئالامەتلىرى: كۆڭۈل ئېلىشىش، قالايمىقان پىكىر-خىيال قىلىش، گۇمانخورلۇق قىلىش، زېھنى ئېلىشىپ ئۇنتۇغاق بولۇپ قېلىش، جىنسىي ئالاقىدە لەززەتلىنەلمەسلىك قاتارلىقلار.
ئاشقازان، جىگەر ئاجىزلاشقانلىقنىڭ ئالامىتى: ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، جىنسىي ھەۋەس بولماسلىق، غىزا سىڭمەسلىك، قورساق ئېسىلىش قاتارلىقلار.
داۋالاشتا، بىمارغا ئالدى بىلەن يۈرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان دورىلاردىن مەجۈنى مۇررىيە، مۇپررىھ ياقۇت، داۋائىل مىشكى قاتارلىق دورىلارنى بېرىش، بۇنىڭ دورا نۇسخىلىرىنى يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى داۋالاشتا كۆرسىتىلگەن دورا رېتسېپلىرىنى ئاساس قىلىپ تەييارلاپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ئويلىنىش، غەمكىنلىك ئادەتلىرىنى تاشلاش، روھنى كۆتۈرىدىغان، كۆڭۈلنى خوشال قىلىدىغان ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىش، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش قاتارلىقلار رەئىس ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ روھنى ياخشىلايدۇ. بىمار شەھۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن لوبوبى كەبىر، مەجۈنى سۆئلەپنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
قەدىمكى ھۆكۈمالار يۈرەك، جىگەر، ئاشقازان، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالاردا ئاجىزلىق كۆرۈلسە، جىنسىي ئەزا خىزمىتىگە دەخلى يېتىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن، بەزى بىلىمسىز ھەكىملەر بۇ كېسەللىكنى داۋالاشتا رەئىس ئەزالارنى نەزەردە تۇتماي ۋە ئاساسلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەندۈرمەي، جىنسىي ئەزانىڭ ئۆزىگە دورا قىلىدۇ. نەتىجىدە داۋالاشتا نەتىجە قازىنالمايدۇ. باشقا ئەزالار ئاجىز بولسا جىنسىي ئەزالاردا ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ.