ئەرلەر كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان
تېز ھۇزۇر بولۇش
ئالامىتى: ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولغاندا مەنىي ناھايىتى تېز مېڭىپ كېتىدۇ.
سەۋەبى: جىنسىي ئالاقىنى بەك سىغىنغاندىن ياكى مەنىينىڭ كۆپلۈكىدىن ياكى مەنىينىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن ياكى ئايالىنىڭ جىنسىي يولىنىڭ كەڭلىكى ياكى ئەر كىشىنىڭ مەنىي تومۇرلىرىنىڭ بوشاپ كېتىشى سەۋەب بولىدۇ.
مەنىينىڭ كۆپلۈكىدىن بولسا، جىنسىي ئالاقىدا ئاجىزلىق بولمايدۇ. يەڭگىللىك بولىدۇ.
جىنسىي ئالاقىنى بەك سىغىنغاندا بولسا دورا قىلىنمايدۇ. مەنىينىڭ كۆپلۈكىدىن بولسىمۇ ئىلاج قىلىنمايدۇ، ئۆتكۈرلۈكىدىن بولسا ھەببى ئەپيۇن، قۇرسى تاباشىر قاتارلىق دورىلار ئىستېمال قىلىنىدۇ.
جىنسىي يولنىڭ كەڭلىكىدىن بولسا، ئىترىغىل كەبىر ياكى جاۋارىش كۈندۇز بېرىلىدۇ.