ئەرلەر كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

مەنى بالدۇر كېتىش نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

. روھى ئامىل
ئەرلەرنىڭ مەنىي بالدۇر كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان روھى ئامىللار كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى ئەرلەردىكى بۇ خىل جىنسىي تۇرمۇش جىددىيچىلىكى  ھەرگىزمۇ جىنسىي تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۆگىرىشىگە ئەگىشىپ دەرھال ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇب بولۇش سەۋەبىدىن ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىپ، بىماردا پىسخىكىلىق يامان خاراكتىرلىق ئايلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
 
2. ئەزا خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشى

كۆپلىگەن ئەرلەردە جىنىسي مۇناسىۋەت جەريانىدا نېرۋا مەركىزىنىڭ قوزغىلىشى تۆۋەنلەپ، ئاسانلار سىپىرما قويۇپ بېرىش كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىق ياللۇغ كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


3. باشقا ئامىللار
تار ئىشتان كىيىش، زەكەر بېشىنى ھەددىدىن زىيادە غىدىقلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەرلەردىكى مەنىي بالدۇر كېتىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەنىي بالدۇر كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
(1) روھى ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان (كەيپىيات ئامىلى): مەنىي بالدۇر كېتىش بىمارلىرىنىڭ %80 كۆپرەكى ھەممىسى دېگۈدەك روھى ئامىلدىن كېلىپ چىققان. (Nadels on 1978) دوكىلاتىدا، كەيپىيات ئامىلى تۈپەيلى مەنى بالدۇر كېتىش بىمارلىرى ئومۇمىي بىمارلارنىڭ %85 نى ئىگەللىگەن. مەسىلەن، ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلىپ قايتا كۆرۈشۈش، يېڭى توي مەزگىلىدىكى شېرىنئاي، ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش ياكى جىددىيلىشىش، ھەددىدىن زىيادە ھېرىپ-چارچاش، ئىچى پۇشۇش، ھاراق ئىچىش، ئۆي ئىشلىرى تەرتىپسىز بولۇش، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ياخشى بولماسلىق، ئېرىنىڭ ئايالىغا ئۆچمەنلىك ساقلىشى، ئاغرىنىشى ۋە ئاچچىقلىنىشى، ئايالىنى ھەددىدىن زىيادە قورقۇتۇشى، ئايالىغا چوقۇنۇشى، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەنى بالدۇر كېتىش كېسىلىنىڭ ئامىللىرىدۇر. 

دائىم كۆرۈلىدىغان كەيپىيات ئامىللىرى تۆۋەندىكىچە:

بەزىلەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، دەككە-دۈككۈدە قېلىشى ۋە قورقۇپ كەتكەنلىكتىن بالدۇر سىپىرما قويۇپ بېرىپ ئايالىنىڭ رازى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىلەرنىڭ جىنسىي بىلىملەرگە بولغان خاتا تۇنۇشى تۈپەيلى، سەۋەبسىزلا ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە دائىم ئۆزىنى كەمسىتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ھالدا ئۆزىنىڭ زەكىرىنى قىسقا دەپ قارىغۇچى ياكى ئۆزىنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئاجىز دەپ قارىغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.


ئەر-ئاياللىق مۇھەببىتىنىڭ ئىناق بولماسلىقى. مەسىلەن، ئايالىدىن گۇمانلىنىش، قىزغىنىش ياكى ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەتلەش قاتارلىقلارمۇ مەنى بالدۇر كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىلەر جىنسىي تۇرمۇشنى ھەددىدىن زىيادە مۇھىم دەپ قاراپ، ھەددىدىن زىيادە ئۈمىد كۈتىدۇ-دە، بىر ئىككى قېتىملىق مەنى بالدۇر كېتىشتىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ، پىسخىكىلىق يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشى  مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن جىددىيلىشىش، بالدۇر سىپىرما قويۇپ بېرىش، تېخىمۇ جىددىيلىشىش، داۋاملىق بالدۇر سىپىرما قويۇپ بېرىش تۈرىدىكى يامان خاراكتىرلىق ئايلىنىش شەكىللىنىپ بالدۇر مەنى كېتىش مۇقىملىنىپ كېتىشى مۇمكىن.


يېڭى توي كېچىسى. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىلغاندا، كەيپىياتىدىكى ھاياجانلىنىش، نېرۋىسى ھەددىدىن زىيادە غىدىقلىنىش سەۋەبىدىن يىگىت ئەمدىلا قىزغا يېقىنلىشىشى بىلەنلا سىپىرما قويۇپ بېرىپ، ئەر-ئاياللار ئۇزۇن مۇددەت ئايرىلىپ ئاندىن قايتا كۆرۈشكەندە، جىنىسىي ھاياجان بىر قەدەر تېز بولۇش سەۋەبىدىن ئەر تەرەپ سىپىرمىنى بالدۇر قويۇۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى مەنى بالدۇر كېتىش دەپ دىئاگنۇز قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار ئەر-ئايال بىرگە ياشاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئارتۇقچە ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

تويدىن كېيىنكى شەھۋەتپەرەسلىككە كۆپ بېرىلىپ كېتىش، روھى جەھەتتىن ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش، كەيىپىياتى ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش  ياكى سىپىرمىنى بالدۇر قويىۋېتىش، قورقۇش سەۋەبىدىن جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەغلۇب بولۇش قاتارلىقلار ھەمدە ھەددىدىن زىيادە ھېرىپ-چارچاش، كۈچ-قۇۋۋىتىدىكى يېتەرسىزلىكمۇ سىپىرما نېرۋا مەركىزىنىڭ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. نېرۋا ئاجىزلىق چوڭ مېڭىنىڭ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىنمۇ مەنى بالدۇر كېتىش كېلىپ چىقىدۇ.

(2) ئەزا خاراكتىرلىك كېسەللىك بولۇش: مەسىلەن، سىرتقى جىنسىي ئەزاسى تۇغما غەيرىي بولۇش، خەتنىلىكى قىسىۋېلىش، زەكەر بېشى ياكى خەتنىلىك ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، زەكەر ياللۇغى، كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش، يۇلۇن ئۆسمىسى، مېڭە قان تومۇر كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە يولۇقۇش، قوشۇمچە ئورۇقدان ياللۇغى، ئاستا خاراكتىرلىق مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قايتىشچانلىق سىگنالى شەكلىدە يۇلۇن نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر قىلىپ مەنى بالدۇر كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەلۇم پۈتكۈل بەدەن كېسەللىكى، كۈچ-قۇۋۋىتى ئاجىزلىق قاتارلىقلارمۇ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ، مەنى بالدۇر كېتىش كېلىپ چىقىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button