مەنىي چىقماسلىق كېسىلى ھەققىدە
مەنىي چىقماسلىق دېگەن نېمە؟
مەنىي چىقماسلىق دېگىنىمىز زەكەر تولۇق قاتقان ھەم تاناسىل ئەزاغا كىرگەندىن كېيىنمۇ مەنىي چىقىرىش رېفلىكىسى ۋە جىنسىي كولمىناتسىيە بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
مەنىي چىقىرىش جەريانى بولسا مۇرەككەپ فىزىلوگىيەلىك، پىسخىلوگىيەلىك ھادىسىدۇر، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر نۇرغۇن. بۇنىڭ ئىچىدە فۇنكىتسىيەلىك مەنى چىقماسلىق كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، %90نى ئىگەللەيدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) مەركىزىي نېرۋا تىپلىق مەنىي چىقىرىش دەخلىگە ئۇچراش. ئاساسلىقى چوڭ مېڭە خىزمىتىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن جىنسىي غىدىقلىنىشنى تورمۇزلاش كۈچىيىپ، بولۇپمۇ مەنىي چىقىرىش نېرۋا مەركىزىنى تورمۇزلاش كۈچىيىپ، بىمارلاردا جىنسىي ھەۋەس كولمىناتسىيىسى ۋە مەنى چىقىرىش ھەركىتى بولمايدۇ. (2) يۇلۇن تىپلىق مەنىي چىقىرىش دەخلىگە ئۇچراش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى زەكەر قېتىشى سۇسلىشىدۇ ياكى پۈتۈنلەي قاتمايدۇ، مەنىي چىقىرىش ۋاقتى كېچىكىدۇ ياكى پۈتۈنلەي چىقمايدۇ. (3) پىسخىلوگىيىلىك مەنىي چىقىرىش دەخلىگە ئۇچراش. بۇنداقلارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدا ھىچقانداق كېسەللىك يوق بولۇپ، پۈتۈنلەي پىسخىكىلىق سەۋەپتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئاز بىرقىسىم بىمارلاردا سەزگۈ ئەزالىرى، ھىسسىيات، ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلار دەخلىگە ئۇچراش سەۋەپلىك مەنى چىقماسلىق بولىدۇ.
فۇنكىتسىيەلىك مەنىي چىقماسلىقنى يەنە ئىككى تۈرگە بۆلگىلى بولىدۇ: (1) ئۇزۇن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسىمۇ جىنسىي كولمىناتسىيە ھەم مەنىي چىقىرىش بولمايدۇ. (2) جىنسىي كولمىناتسىيە بولىدۇ، لېكىن، مەنىي چىقمايدۇ.