ئىسپىرما ھەددىدىن زىيادە
جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى كۆپ بولۇش بەدەننىڭ زىيادە چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماستىن ، بەلكى ئىسپىرمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە خورىشى بەدەننىڭ چارچاپ كېتىشىنى ، زەخىلېنىشىنى ھەتتا بەزى بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
يېقىنقى يىللاردا ، مەملىكەت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ، ئىسپىرما تەركىبىدە مول بولغان زېنىگ ماددىسى بار ئىكەن ، زېنىگ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىت كۈچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن بەلكى ، ياشانغان دەۋىردىكى T ھۆجەيرىنىڭ رولى ھەم كۆپىيىشىگە پايدىلىق ھەم B ھۆجەيرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرىدىكەن . زېنىگ ماددىسى كەمچىل بولغاندا ، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشىلىق كۈچى ئاجىزلىشىدىكەن ھەمدە كېسەللىكلەرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . بۇنىڭدىن سىرت ، ئىسپىرما ئىچىدە بىرخىل پېنىتسىللىن بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدىغان ماددا–ئىسپىرما ھۆجەيرە پلازىسى ماددىسى بارلىقى بايقالغان ، بۇ خىل ماددا ، ئۈزۈمسىمان باكتېرىيىنى ، زەنجىرسىمان باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن . ئەگەر ئىسپېرما ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ بولۇپ كەتسە ، ئىسپىرما ھۆجەيرە پلازىسى ماددىسى نىڭ مىقدارىغا تەسىر يېتىدۇ ، شۇ سەۋەبتىن باكتېرىيە ۋىرۇسلارنىڭ كىرىشىگە يوچۇق پەيدا .بولۇپ قېلىپ ، بەزەن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ