ئەرلەر كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى

مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپىنچە ئالامەتلەر بىلىنمەيدۇ .

         كۆپىنچە بىمارلار سېزەلمەسلىكى مۇمكىن . كۆرۈلىدىغان يېنىك ئالامەتلەر:

كىچىك تەرەت قىيلىنىش ، كىچىك تەرەت ساقلاش.

كىچىك تەرەت ئاستىلاش ياكى راۋان بولماسلىق .

كىچىك تەرەت ئاغرىش

كىچىك تەرەتتە قان بولۇش .

بەل ، داس بوشلۇقى ، كاسسا قىسىم ئاغرىش .


          جىددىي خاراكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا سوغۇقتىن قورقۇش ، قىززىش ، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ؛ يەرلىك ئورۇندا بېسىلغان سېزىم بولۇپ ، ئۇزۇن ئولتۇرسا ياكى تەرەت قىلغاندا ئېغىرلىشىدۇ ، ھەم بەل تەرەپكە ھەم تۆۋەن دوۋساق ، پاچاق تەرەپلەرگە تارىلىدۇ . بۇنىڭدىن بىرگە كىچىك تەرەتنىڭ ئاخىرىدا قان كۆرۈنۈش ياكى يىرىڭ كۆرۈنىدۇ ؛  تۈز ئۈچەيدىكى ئالامەتلەر بولسا تۈز ئۈچەي كۆپۈش ، چوڭ تەرەت قىستاش ھەم تەرەت قىلغان سېزىم پەيدا بولۇش ، چوڭ تەرەت  قىلغاندا سۈيدۈك يولىدىن ئاق ئاجرالما سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىش قاتارلىقلار .           ئاستا خاراكتىرلىك مەزى بېزىي ياللۇغى باكتىرىيىلىك مەزى بېزى ياللۇغى ھەم مەزى بېزى كېسىلى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ . ئاستا خاراكتىرلىك باكتىرىيىلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئادەتتە جىددىي خاراكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولىدۇ ؛ مەزى بېزى كېسىلى ئادەتتە ۋىرۇس يۇقۇملىنىش ، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش ، مەزى بېزى ئاستا خاراكتىرلىك قان تولۇشتىن پەيدا بولىدۇ . جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا تۇيۇقسىز توختىتىش ، جىنسىي مۇناسىۋەت ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش ، ئاستا خاراكتىرلىك قەۋزىيەت قاتارلىقلارمۇ مەزى بېزى قان تولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button