ئەرلەر كېسەللىكى

زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى قانچە بولسا نورمال؟

ئادەتتە زەكەرنىڭ قاتمىغان ۋاقىتتىكى ئۇزۇنلۇقى 4~6 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولسا نورمال بولىدۇ . بەزىلەرنىڭ 10~11 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال

زەكەر قاتقان ۋاقىتتىكى ئۇزۇنلۇقى 10~15 ئەتراپىدا بولسا نورمال . لېكىن بۇلار ئۇزۇنلۇق ھەممە ئادەمگە ئوخشاش دىيىشكە بولمايدۇ .

             زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى يەنە ۋاقىت ، پەسىل ، ئوخشىمىغان روھىي كەيپىيات ، بەدەن ساغلاملىق ئەھۋالى ، تېمپىراتۇرا…قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئادەتتە ، يازدا قىشقا قارىغاندا سەل ئۇزۇن بولىدۇ ، قىشتا سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشى بىلەن سەل قىسقا بولىدۇ ، ئەگەر زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى تەكشۈرگەندە ، ئۆي ئىچى تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بولسىمۇ زەكەر قىسقا بولىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ .

             ئەگەر تەكشۈرگۈچى زىيادە ئورۇق ياكى زىيادە سېمىز بولسىمۇ ، زەكەر قىسقا بىلىنىپ قالىدۇ . چۈنكى زىيادە سېمىز بولغاندا زەكەر تېرە ئاستى مايلىرى بىلەن قاپلىنىپ قالىدۇدە ، سىرتقا چىققان قىسمى قىسقىراق بولۇپ قالىدۇ .

             زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى ئۆلچىگەندە ، سىزغۇچنى زەكەرنىڭ تۈۋىگە تاقاپ ، ئاندىن سۈيدۈك چىقىش يولىغىچە بولغان ئارىلىقنى سانتىلىسا بولىدۇ . بۇ چاغدىكى سانلىق ئۇچۇر بىر قەدەر توغرا بولىدۇ .              بەزى كىشىلەر يۇقارقى ئۆلچەمدىن چەتنەپ كەتسە ، زىيادە روھىي بىسىم قىلىۋالىدۇ . بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز . ئادەتتە زەكەر نورمال قاتسا ، نورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگىلى بولسا ، ئىسپىرما نورمال چىقسىلا بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ھېسابلىنىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button