ئەرلەر كېسەللىكى

ئەرلەر بۆرىكى ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى

”بۆرەك ئاجىزلاش ئالامىتى“ مۇ ناھايىتى كەڭ بولغان بىر ئۇقۇم بولۇپ ، ئۇ سۈيدۈك سېستىمىسى ، روھى ساغلاملىق ھەم ھەزىم قىلىش ، قان ، نەپەس ئېلىش قاتارلىق سېستىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللك . شۇڭلاشقا ، بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىچە :

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ مېڭە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش .

مېڭە ئاجىزلىشىش ،دېققىتىنى مەركەزلۈشتۈرەلمەسىلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش

                             :  بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى

كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش

كەيپىياتنىڭ باشقۇرۇش تەسكە چۈشۈش ، باش قېيىش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جاھىل بولۇپ قېلىش ، خامۇش بولۇپ قېلىش

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئىشەنچ – ئىرادە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

ئىشەنچسىز بولۇش كېرەك .

ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك بولۇپ قېلىش ، خىزمەت قىزغىنلىقى بولماسلىق ، تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولماسىلىق ، ياشاش نىشانى بولماسىلىق 

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش .1

ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، جنسىي ئەزايى تۇرماسلىق ، ياكى تۇرسىمۇ قاتتىق بولالماسلىق ، مەنى(ئىسپىرما) تۇتالماسلىق ، بالدۇر چىقىپ كېتىش ، مىكروسكوپتا ئىسپىرمىنى كۆزەتكەندە ، ئىسپىرمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەش ، ئىسپىرما ھۆجەيرلىرى ئازلاش ، بالىلىق بولالماسلىق .

ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى نورمال يېتىلمەسلىك ، ھەيز قالايمقانلىشىش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، بالىلىق بولالماسىلىق . 2

      بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ سۈيدۈك سېستىمىسىدىكى ئالامەتلىرى:

كىچىك تەرەت سانى كۆپىيىش ، كىچىك تەرەت قىستاش ، كىچىك تەرەت  رەڭگى سۇسلىشىش       

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ يەنە باشقا ئالامەتلىرى    

بالدۇر ئاجىزلىشىش ئۇنتۇغاق ، ئۇيقۇسىزلىنىش ، ئىشتىھاسىتۇتۇلۇش  ، سۆڭەك ، بوغۇملار ئاغرىش ، بەل ، تىزلار سىرقىراپ ئاغرىش ، كۈچسىزلىنىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ، ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىش . چاچ چۈشۈش ، چاچ بالدۇر ئاقىرىش . چىش بوشاپ كېتىش .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button