چاچ كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

سەپرانىڭ غالىپلىقدىن بولىدىغان چاچ چۈشۈشنى داۋالاش

     خام سەپرانى پىشۇرغۇچى مۇنزىج بىلەن زىيادە سەپرانى تازلىغۇچى مۇسھىل بېرىپ مىزاج تۈزىتىلىدۇ.قۇرۇق ئىسىق ياكى قۇرۇق سوغۇق يىمەكلىكلەردىن چەكلەپ بەدەننى ھۆللەشتۈردىغان ۋە قىزىقلىقنى پەسەيتىدىغان يىمەكلىك بىلەن دورىلار بۇيرىلىدۇ.  باشقا ئاۋۋال قىزىتلغان سىركە بىلەن ئىسسىق ئۆتكىزلىدۇ.كىيىن سىركىنىڭ يىغىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن گۈل يىغى سۈركىلىدۇ، چاچنىڭ داۋاملىق چۈشىشنى چەكلەپ تۇرۇش ئۈچۈن گۈڭگۈرت پوقى تالقىننى زەيتۇن يىغىغا ئارلاشتۇرۇپ باشقا چېپىلىدۇ، پىندۇق كۈلىنى كونا سىركىگە چىلاپ باشقا چېپىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇردىكى چارىلەرنىڭ ئۈنىمى كۆرىلمىسە، لاچىندانىنى كۆنجۈت يىغىدا ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا شىۋىق گۈلىنىڭ تالقىندىن ئارلاشتۇرۇپ باشقا چېپىپ بەرسىمۇ بولىدۇ ۋە لالىگۈل بىلەن كېپەكنىڭ قاينىتلغان سۈيى بىلەن باشنى يۇيۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button