چاچ كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشكە ئىلاج

    ئەگەر كىشى 10 گىرام قارا ھېلىلىنى شېكەر ياكى ھەسەل بىلەن قوشۇپ داۋاملىق يەپ بەرسە، چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالۇر.
   ئەگەر كىشى ھېلىلە كابىلىنى ئېغىزغا سېلىپ دائىم شۈمۈپ بەرسە، چاچ بالدۇر ئاقىرىشنى توختاتقاي.
   ئەگەر كىشى يەسىمەن گۈلىنى قۇرۇتۇپ ئېزىپ، ھەر كۈنى ئازراق يېسە ھەم قۇستە يېغى (بۇ ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىلىرىدا بار) بىلەن چاچنى ياغلاپ تۇرسا، چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالۇر ھەم مەنپەئەت قىلۇر.
   ئەگەر كىشى 50 گىرام توشقان مېڭىسىگە يېڭى سۈت قوشۇپ، بىر ھەپتىگىچە يەپ بەرسە، چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشكە مەنپەئەتى ياخشى بولۇر.
   ئەگەر كىشى 10 گىرام ئۈستىقۇددۇسنى داۋاملىق يەپ بەرسە ھەم پىستە يېغىنى سۈركەپ بەرسە، چاچ بالدۇر ئاقىرىشقا مەنپەئەت قىلۇر. شۇنىڭدەك 10 گىرام ئامىلە تالقىنى ياكى 15 گىرام ئۈستىقۇددۇس تالقىنىنى ئاقشېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى يەپ بەرسىمۇ پايدىلىقتۇر.
   ئەگەر كىشىنىڭ چېچى ئاقىرىپ كەتسە، ئوغلاقنىڭ ئۆتىنى سۈركەپ بەرسە، چېچى قارا بولۇر. ئەگەر كىشى ئاقاقىيانى زەيتۇن يېغىغا مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇپ چاچقا چاپسا، چاچنى قارايتقاي.
   ئەگەر كىشى گۈل يېغىدىن 30 گىرام، قىچىدىن 30 گىرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سۇغا چىلاپ، ئاندىن سۈزۈپ چاچقا سۈركەپ بەرسە، چاچنى ئۈندۈرەر ھەم قارايتقاي.
   ئەگەر كىشى چېچىنى كالا سۈتىدە يۇيۇپ بەرسە، ئاق چاچلىرى يوقىلىپ، چېچى ئۇزۇن ھەم قارا بولۇر. بىنەپشەيىلتىزىنى ھېلىلە بىلەن قاينىتىپ سۈرتسە، چاچنى قارا قىلۇر.
   ئەگەر ئالما سۈيى ۋە ھېلىلە سۈيى بىلەن چاچنى دائىم يۇيۇپ بەرسە، چاچنىڭ رەڭگى قارا بولۇر.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button