تەڭگىسىمان تەمرەتكە
تەرىپى___ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەن تېرىسىنىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولىدىغان تېرە قىلىنلىشىپ، يىرىكلىشىش بىلەن كۈمۈش رەڭلىك قاتمۇ-قات بېلىق قاسىراقسىمان تەڭگە قاسراقچىلارنى پەيدا قىلىدىغان، قىچىشىدىغان، غەيرى نورمال تېرە مۈڭگۈزلىشىشنى ئاساس قىلغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇمسىز تېرە كېسەللىكى.
تەڭگىسىمان تەمرەتكىنى كلىنىكا ئالامىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئاددى تىپلىق (يۇقىردا سۆزلەندى)، ئالاھىدە تىپلىق، يىرىڭلىق قاپارتقۇ تىپلىق، قىزىرىش تىپلىق، بوغۇم تىپلىق دەپ تۆت تۇرگە بولىنىدۇ .
كېسەللىك سەۋەبى ــــــ بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس، شۇڭلاشقا داۋالاش ئۈنۈمى بىر قەدەر توۋەن. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى توۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل سەۋەبدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارالماقتا .
1. خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقى ــــــ ئاساسلىقى سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن، قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشى، كۆيۈشى، بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئى ئۆزگىرىشى، ھەرقايسى خىلىتلارنىڭ كۆيۈشىدىن پەيدا بولغان غەيرىي تەبىئى سەۋدا خىلىتى رەئىس ئەزا ۋە بۆرەك خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچىرىتىپ بەدەندە ئېلىكترۇلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ، بولۇپمۇ تۇزلارنىڭ بەدەندىكى نورمال مىقدارى ئارتىپ كېتىپ تېرىلەردە ماددا ئالمىشىش بۇزىلىدۇ .
2. يېمەك-ئىچمەك ئامىلى ــــــ قاننى قىزىتقۇچى، قويۇلدۇرغۇچى، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
3. ئىرسىيەت ئامىلى ــــــ ئەجدادلىرىدا بۇخىل كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدۇ. گېن تەكشۈرگەندە ئاشكارا بويالغۇچى تەنچە تېپىلدۇ.
4. ئىمۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ياكى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
5. ماددا ئالمىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى (ئاساسلىقى تېرىلەردىكى ماددا ئالمىشىش) يەنى ئاقسىل، ماي، شىكەر، تۇزنىڭ ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش روشەن دەرىجىدە ئىپادىلىنىدۇ .
6. ئىچكى ئاجراتما خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ــــــ قالقانسىمان بەز، توش بېزى، كۆپۈيۈش بېزى، جىنىسى بەز، ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىقلاردىكى نورمالسىزلىقلار سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
7. يۇقۇملۇنۇش ــــــ كلىنىكىدا بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى يۇقىرىقى نەپەس يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى، ياللۇغلىنىشى بۇ كېسەلنى قوزغايدۇ ۋە سەۋەب بولىدۇ. باشقا ئەزالاردىمۇ يۇقۇملىنىش يۇز بەرسە بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن .
8. باشقا ئامىللار ــــــ سىرتقى زەخمىلىنىش مۇھىت ئۆزگۈرۈشى، روھىي-نېرۋا ئامىللار، سوغۇق ئۆتۈش، ھوللۇك ئامىللىرى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك .
پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى ــــــ بەدەن تېرىسىنىڭ ھەرقانداق ئورنىدا، ھەرقانداق ياش ۋە جىنىستىكىلەردە پەيدا بولىۋىرىدۇ، بولۇپمۇ باش، بويۇن، قۇلاق ئەتراپى، جەينەك، دۇمبە، قورساق، پاقالچاق، ئەۋرەت، توققۇز كوز، بىلەك قىسىملىرىدا كوپرەك كۆرىلىدۇ، تەرەققى قىلغانسېرى ئومۇمىي بەدەننى قاپلايدۇ، كۇز ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە كوپ قوزغىلىدۇ، ياز پەسلىدە بىرئاز يىنىكلەيدۇ، قايتا-قايتا قوزغىلىپ تۇرىدۇ .
ئالامىتى:
ئاددى تىپلىق ــــــ دەسلەپتە يەرلىك ئورۇن تېرىسىدە يىڭنە مىخ بېشى چوڭلۇقىدا چېگرىسى ئېنىق بولغان يۇمىلاق سوقۇچاق ياكى رومبا شەكىلدىكى ئۇششاق قىزىل ياكى قوڭۇر دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسۋە يۈزىنى كۇمۇش رەڭلىك قاتمۇ-قات بېلىق قاسرىقى سامان ئەسۋىلەر قاپلايدۇ، ئەسۋە ئەتراپىدىكى تېرىلەر يەڭگىل دەرىجىدە قىزىرىدۇ، ئەسۋە يۇزى قۇرغاق بولۇپ تارقىلىشى سىممېتىرىك بولىدۇ، داۋاملىق قىچىشىدۇ، قاشلىغاندىن كېيىن ئەسۋىلەر ئەتراپقا كېڭىيىپ قاسراقچىلار ئوزئارا تۇتۇشۇپ چىگرىسىنى يوقۇتۇپ قېلىنلىشىپ توچكىسىمان، خەرىتەسىمان، ھالقىسىمان، جاراھەتسىمان تېرە ئەسۋىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
زەخمە يۈزىدىكى قاسىراقلار ئاسان تۆكىلىدۇ. زەخمە يۇزىدە بىر قەۋەت ھال رەڭ نېپىز پەردە ئوراپ تۇرىدۇ، بۇ پەردىنى ئېلىۋەتكەندە زەخمە يۇزىدە ئىنچىكە ئۇششاق قان نوكچىلىرى كورىلىدۇ، بۇ ئادەتتە توچكىسىمان قاناش دېيىلىدۇ، بۇ مۇشۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ تۇپ ئالاھىدىلىكى .