تېرە كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

تېرىڭىزنى ئاقارتماقچى بولسىڭىز

پەمىدۇر : ئەگەر يۈز تېرىڭىز قۇرغاق بولسا پەمىدۇرنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ ، ئازراق ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، يۈزىڭىزگە سۈرۈپ ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسىڭىز ۋە بۇ خىل ئۇسۇلنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىسىڭىز ، تېرىڭىز ئاستا – ئاستا ئاقىرىدۇ .
   سەۋزە : سەۋزىنى يۇمشاق ئېزىپ ، سۈيىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزگە سۈرۈپ بەرسە تېرە ئاقىرىدۇ .
   تاۋۇز : تاۋۇزنىڭ شاپىقىنى يۈزگە سۈرۈپ ، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇۋەتسە ، يۈز ئاقىرىدۇ .
   كاۋا : كاۋىنى سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ ، يۈزىڭىزگە سۈرۈپ ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسىڭىز ھەم بۇ ئۇسۇلنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرسىڭىز ، يۈزىڭىز ئاقىرىپ پاقىرايدۇ .
   قارا شېكەر : 300 گىرام قارا شېكەرگە مۇۋاپىق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن سوۋۇتۇپ يۈزگە سۈرۈپ ، 10 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، تېرە سىلىق ، پارقىراق ، يۇمران بولىدۇ . 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button