قىچىشقاق (قوتۇر) كېسىلى
بۇ قولنىڭ بارماق ئارىلىقلىرى بىلەن قول دۈمبىسى، تۆۋەنكى بىلەك، قورساق قىسمى، چات ۋە تاش خالتا تېرىسىدە ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولىدىغان ۋە قىچىشىدىغان بىر خىل تېرە كېسىلى بولۇپ، خەلق تىلىدا <قوتۇر> دەپ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى:
سەپرا ياكى كۆيگەن سەۋدانىڭ ياكى بولمىسا بەلغىمى شورنىڭ قانغا ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئارىلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ. قوتۇر كېسىلىنى قوتۇر سالجىسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ سالجىلار ئادەم تېرىسىدە ياشايدۇ. مۇندىن سەككىز ئەسىر ئىلگىرى تېبابىتىمىزنىڭ ئالىملىرى بۇ كېسەللىكنىڭ ئىككىنچى كىشىگە يۇقتۇرىدىغان تىپى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇشۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان بىماردىن باشقا كىشىلەرگە يۇقىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇنىڭ يۇقۇشى بىمار بىلەن بىللە يېتىش، بىمار ياتقان يوتقان-كۆرپىدە يېتىش، بىمار ئىشلەتكەن لۆڭگە، كىيىم-كېچەكلەردىن يۇقىدۇ، بىمار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتىنمۇ يوقىدۇ.
ئالامىتى:
بۇ كېسەللىك تېرە بىر قەەر نېپىز بولغان قول بارماق ئارىلىقى، بىلەك، جەينەك ئالدى، قولتۇق، كىندىك ئەتراپى، بەل، تۆۋەنكى قورساق، يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپى ۋە ئۇرۇقدان خالتىسى بىلەن ئاياللارنىڭ كۆكسى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەل بەدەن تېرىسىنىڭ ھەرئىككى تەرىپىدە قوش (سىممېترىك) پەيدا بولىدۇ. بەزى بىمارلاردا بەدەن تېرىسىنىڭ ھەممە قىسمىغا دېگۈدەك يامرىشى مۇمكىن.
قىچىشقاق كېسىلى ھۆل قىچىشقاق ۋە قۇرۇق قىچىشقاق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. قۇرۇق قىچىشقاقتا كېسەللىك پەيدا بولىدىغان ئورۇندىكى تېرىدە ئاۋۋال قىچىشىدىغان قىزىل مۇدۇرلار پەيدا بولىدۇ ۋە بىر-بىرى بىلەن سىزىقسىمان تۇتىشىدۇ. قاشلىغاندا سېرىقسۇ ياكى قان چىقماي يېنىك دەرىجىدە كېپەك چىقىدۇ. بۇ خىلى ئېغىرراق بولۇپ ئۇزۇندا ساقىيىدۇ.
ھۆل قىچىشقاقتىمۇ سىزىقسىمان تېرىق چوڭلۇقىدا رەڭگى قىزىل مۇدۇرلار چىقىپ، تاتىلىغاندا زەرداپ سۇ چىقىدۇ ياكى قارامتۇل قان چىقىدۇ. بەزىدە سۇلۇق قاپارتقۇ پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك ئورنىدىن چىققان سۇ ياغلىشاڭغۇ بولىدۇ.
مەيلى قۇرۇق ياكى ھۆل قىچىشقاق بولسۇن، بىمارنى ئازابلايدىغان ئاساسىي ئالامىتى قىچىشىشتىن ئىبارەت. بولۇپمۇ كېچىسى كۆپرەك قىچىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىمار قىچىشىش ئازابىدىن ئۇخلىيالمايدۇ. ھۆل قىچىشقاق بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىدە قوشۇمچە يۇقۇملىنىپ يىرىڭلايدۇ ۋە ئالاقىدار بەزلەر ئىششىپ ئاغرىيدۇ. ئېغىرلىرىدا قىزىتمىسى يۇقىرلىشى مۇمكىن.
داۋاسى:
يىلاندىن بىرنى تۇتۇپ بېشىنى كېسىۋېتىپ بوتۇلكىغا قاچىلاپ يەرگە كۆمۈپ، 10 كۈن بولغاندا ئاچسا ئېرىپ مايغا ئايلىنىدۇ. شۇ مايدا بەدەننى ئۇدا 5 كۈن مايلاپ ئاندىن مۇنچىغا چۈشسە ئاغرىق مۇنچىدا قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇتۇردىن مەڭگۈ خوشلىشىسىز. يىلاننىڭ گۆشىنى يەپ بەرسىڭىزمۇ تېرە كېسەل ۋە زىققا، يۆتەللەرگە ئۈنۈملۈك پايدا قىلىدۇ.