تۇنۇش:
سىبلىس بۇرما تەنچىسى پەيدا قىلغان سىرتقى جىنسىي ئەزا تىرىسىدە جاراھەت «يارا»پەيدا بولۇشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق سوزۇلما خاراكتېردىكى تىرە كىسەللىك «ياكى جىنسىي كىسەللىكى» بولۇپ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە «كۈز يارىسى»خەلق ئارىسىدا قارا يەل دەپ ئاتىلىدۇ. غەرىپ تىبابىتىدە«سىفلىس»دەپ ئاتىلىدۇ.
كىسەللىك سەۋەبى:
خىلىتلارنىڭ كۆپىيشىدىن پەيدا بولىدۇ.
سىفلىس بۇرما تەنچىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىفلىسنىڭ تۈرى
سىفلىس يۇقۇش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ناتۇغما سىبلىس ۋە تۇغما سىبلىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ناتۇغما سىفلىس: كۆپىنچە ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بىۋاستە بولغانغان ماددىلار ، قان بىرىش، بىمارلارنىڭ قاچا قۇچىلىرىنى ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋە كىيىم كىچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ كىيىشى ، بىۋاستە يېقىنلىشىش، سۈيۈشۈش قاتارلىق ۋاستىلىق سەۋەپلەردىن ساق ئادەملەرگە يۇقىدۇ.
ھامىلىگە ئۆتكەن سىفلىس: سىفلىس كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامىلدار ئايالىنىڭ قېنىدىكى بۇرما تەنچىسى بالا ھەمرىيىدىن بىۋاستە ئۆتۈپ، ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. بۇنداق بالىلار تۇغۇلغاندىلا سىفلىس كىسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. مانا بۇ ھامىلىگە ئۆتكەن سىفلىس دەپ ئاتىلىدۇ.
كىلىنىك ئىپادىسى:
ناتۇغما سىفلىس: دەسلەپكى دەۋىرلىك «1-2دەۋىرى» ئاخىرقى دەۋىرلىك«3-دەۋىرى»، ۋە يۇشۇرۇن دەۋىرىلىك سىفلىسىتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ.
1) دەسلەپكى دەۋىرلىك: (1) 1-دەۋىرلىك سىفلىس : يەنى بۇ ئاساسلىقى ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ. يۇشۇرۇن دەۋىر 4-3ھەپتە بولۇپ يۇقۇملانغان ئۇرۇندا گۈرۈچ چوڭلىقىدا خورما رەڭدە يەككە ھالەتتە ئۇچى ئۇچلۇق تۈۋى توم شەكلى يۇمىلاق ئەتراپى تەكشى، چىگىرسى ئىنىق ئۇچى ئىششىق ئاغىرمايدىغان تۈگۈنچە پەيدا بولىدۇ. چوڭ كىچىكلىكى 1سانتىمىتىر كىلىدىغان دۈگىلەك ياكى ئىلىپىس شەكىللىك قاتتىق تۈگىنچىگە ئايلىنىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇچى زىدىلىشىپ شەلۋەرەيدۇ. ياكى ئۈزەكى يارىغا ئۆزگىرىدۇ. يۇقۇمچانلىقى ناھايتى كۈچلۈك، تۈگۈنچە ئىچىدە يىرىڭ بولمايدۇ. يىرىق لىمفا تۈگۈنچىلىرى ئاغرىقسىز، يىرىڭسىز ئىششىيدۇ. ئۆز ئارا بىرلىشىپ كەتمەيدۇ.
2-دەۋىرلىك سىفلىس: قاندىن پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. يۇقۇشچانلىقى ناھايتى تىز ، ئاساسلىقى تىرە شىللىق پەردىلەرگە چىقىدۇ، چىقىشتىن بۇرۇن پۈتۈن بەدەندە ئۇخشىمىغان دەرىجىدە قىزىتما 39گىرادۇس ، باش ئاغرىقى بوغۇملار ۋە مۆچىلەر ئاغرشى كۆرۈلۈپ 4-3كۈنچىگە داۋام قىلىغاندىن كىيىن ئەسۋە چىقىشقا باشلايدۇ. ئەسۋە ئاساسلىقى داغلىق ئەسۋە بىلەن دۆڭچە ئەسۋە بولۇپ رەڭگى مىس رەڭگىدە بولۇدۇ. شەكلى تەخسە شەكلىگە كىرىپ قالىدۇ. سىفلىس قان زەردابى (+) .
3-دەۋىرلىك سىفلىس: ئاخىرقى دەۋىرلىك سىفلىس.
كۆپۈنچە يۇقۇملىنىپ 4يىلدىن كىيىن كىسەل يۇقۇملىنىدۇ. بۇ ئاساسلىقى دەسلەپكى دەۋىردە داۋالانمىغان ياكى داۋالاش ياخشى بولىمىغانلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەسۋە بويۇن ۋە باشتا بولسا بەزىلىرى ئۆزلىكسىز يۇقۇلۇپ يەرلىك ئورۇن ئاقىرىپ قالىدۇ. بۇ خىل تىپتىكىنى ئاق كىسەلدىن پەرىقلەندۈرىمىز. ئەقلىي تەپەككۇرى ۋە رۇھىي ھالىتى تۆۋەنلەيدۇ. باش قىسمىدا بولسا چاچلار خۇددى كۆيگەندەك چۈشۈپ كىتىدۇ.
3) يۇشۇرۇن سىفلىس «4-دەۋىرلىك »سىفلىسنى «+)تىكى ھىچقانداق كىلىنىك ئىپادىلىرى بولمايدۇ. يۇقۇملىنىپ 4يىل ئىچىدە كىسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلىرى دەسلەپكى دەۋىردىكى يۇشۇرۇن سىفلىسنى يۇقۇملىنىپ 4يىلىدىن كىيىن كۆرۈلگەنلىرى ئاخىرىقى دەۋرىلىك سىفلىس دەپ ئاتىلىدۇ.
2. تۇغما سىفلىس
ھامىلدار ئايال سىفلىس كىسلىگە گىرىپتار بولسا كۆپىنچە 4-ئايدىلا ھامىلىگە ئۆتۈپ ئۆلۈك تۇغۇلىشى، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پەيدا بولۇش ۋاقتىدا ئاساسەن دەسلەپكى دەۋىرلىك تۇغماسىغلىس ۋە ئاخرىقى دەۋىلىك سىفلىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1) دەسلەپكى دەۋىرلىك تۇغما سىفلىس: 3ئايدىن كىيىن كۆرىلىدۇ. دائىم بۇرۇن ياللۇغى بولىدۇ. ئېغىز ئەتراپى، مەقەت، ئالقان، تاپان، قاتارلىقلاردا پارچە-پارچە قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ. جىگەر، تال ،لىمغا يوغىنايدۇ. ئاخىرىقى دەۋىرلىك تۇغما سىفلىس: كۆپىنچە 4ياشتىن ئاشقاندا يۈز بىرىدۇ.ئۇنىڭ3خىل ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.
(1)ئويۇل ماددىلىق مۈُڭگۈز پەردە ياللۇغى (2) نىرۋا خاراكتىرلىك گاسلىق. (3) سۆڭەك پەردە ياللۇغى، قەقەچ شەكىللىك پاقالچاق ئىگىرىسىمان بۇرۇن قاتارلىقلارمۇ كۆرىلىدۇ.
دىئاگىنوزى:
كىسەللىك تارىخى، كىلىنىك ئىپادىسى، پەيدا بولۇشى ئورنى قان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگىنوز قويۇلىدۇ.
سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى
1. جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى 2. قىزىل گۈللۈك ئەسۋە 3. تەڭگە تەمرەتكە
4. پاقالچاق ۋىناسى ئەگرى-بۈگرى يىرىڭلىق يارا 5. سىل ئەسۋىسى
داۋالاش:بىمارنى يىمەك-ئىچمەكتىن پەرھىز بۇيرۇش،ماددىغا قارىتا مۇنزىچ،مۇسھىل بىرىش،قان تازىلىغۇچى،ياللۇغ قايتۇرغۇچى،دورىلاردىن ھەببى سىماپ،مەجۇنى ئۆشبە،ئىتتىرپىل چۆبىچىن،ئىتتىرپىل شاھتەررە،قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ
سىرتىدىن داۋالاش:گۈل يېغى بىلەن مايلاپ كۈن نۇرىغا قاقلىنىدۇ.كاپۇرنى ئەرقى گۈلدە ياكى سىركىدە ئىزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.