ئىچكى كېسەللىكلەر

ئىسسىقتىن بولغان دىئابىت

تۇنۇش:

قەنىت سىيىش كېسىلى-بۇ كېسەلدە بىمار داۋاملىق ئۇسساپ ئۆزلۈكسىز سۇ ئىچىپلا تۇرىدۇ. كۆپ سىيىدۇ. تاماقنى كۆپ يەيدىغان،ئەمما تەدرىجى ئۇرۇقلايدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. بۇ كېسەل ئىسسىق ۋە سوغۇق دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

ئۇسسۇزلىقى ناھايىتى كۆپ بولۇپ سۈيدۈكىمۇ كۆپ بولسا بىمار ناھايىتى تىزلا ئۇرۇلايدۇ.ماغدۇرسىزلىنىدۇ. بۇ خىلى ئىسسىق دىئابىت كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇسسۇزلۇقى ئاز، سۈيدۈك ۋە سۈيدۈكتىكى شىكەر مىقدارى كۆپ بولماي،ئۇرۇقلاش تەدرىجى ھالدا بولسا سوغۇق دىئابىت كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا سۈيدۈكىدە شىكەر بولماي ،ئادەتتە دىئابىت دىيلسە كۆپىنچە ئىسسىق دىئابىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

1.ئىسسىقتىن بولغان دىئابىت

تۇنۇش:

ئىسسىقتىن بولغان دىئابىت-بۇ ئاساسلىقى ئىچىكى ئاجراتما بەزلەر ۋە ئۇمۇمى ماددا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن سۈيدۈكتە مەلۇم ھالدا شىكەر ماددىسى بار بولغان كېسەللىك بولغاچقا، ئۇنى (شىكەر كىسىلى)دەپ ئاتىغان. كۆپ ئۇسساش،كۆپ يىيىش،كۆپ سىيىش ۋە ئۇرۇقلاپ ماغدۇرسىزلىنىشتىن ئىبارەت ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كېسەللىكتىن ئىبارەت. بۇ غەرىب تىبابىتىدىكى بىرلەمچى خاراكتېرلىك قەنىت سىيىش كېسىلى بولۇپ يەنى ئادەتتىكى سۈيدۈكتە شىكەر ماددىسى بولغان ھەم قاندىكى شىكەر يۈقىرى بولغان قەنىت سىيىش كېسەللىكى، ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى ئىسسىقتىن بولغان قەنىت سىيىش كېسىلى بىلەن ئوخشاش. بۇ كېسەل چوڭلاردا كۆپرەك كۆرىلىدۇ. ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى:

زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرىدىن بۆرەك،جىگەر مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشى،جاپا مۇشەققەتنى كۆپ تارتقان،جىگرىدە زەخمىلىنىش بولغان ھەمدە جىنسىي ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللانغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىقلارنىڭ خىزمىتى بوزۇلۇش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدۇ. يەنى ئاشقازان ئاستى بېزى نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئكزىدىن ئىنسولىن ئاجرىتىپ چىقىرىش بىلەن قەنىت ئالمىششنى تەڭشەيدۇ. بىراق مىزاج ئۆزگۈرۇشلەر ئەزالار خىزمىتىدە نورماسلىزلىق پەيدا قىلىش بىلەن ئەزالارنىڭ پۇتۇنلىكىدە بۇزۇلۇش پەيدا قىلىش ۋە ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق شەكىللەندۇرۇش سەۋەبىدىن ئەزالارنىڭ قەنىت تەڭشەش ئىقتىدارى بوزۇلۇپ قەنىت سىيىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئالامىتى

بىمار ھەمىشە قاتتىق ئۇسسايدۇ، بەل ساھەسىدە ئېچىشش،كۆيۇشۇش  بولىدۇ. سۈيدۈك قېتىمى ،مىقدارىمۇ كۆپ بولىدۇ، رەڭگى ئاق بولىدۇ، ئىشتىھاسى كۈچىيدۇ،كۆپ يىيىش كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئۇرۇقلايدۇ.ماغدۇرسىزلىنىدۇ، سۇسلانغاندا تېرە قورغاقلىشىدۇ، تېرە ئۆزىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولىدا ئېچىشش بولۇپ، ئەرلەردە جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەيدۇ. مۆچىلەردە تارتىشش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش،بۆرەك جاراھىتىنى پەسەيتىش ،ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنى قۇۋەتلىگۈچى،قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يەككە دورا بىلەن داۋالاش

1-رىتسىپ:

تەركىۋى:ئارپا سۇيى مۇۋاپىق مىقتاردا.

شىپالىق رولى :ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3-4قېتىم مۇۋاپىق مىقتاردا ئىچكۇزىلىدۇ.

2-رىتسىپ:

تەركىۋى:تۇخۇم،سىركە مۇۋاپىق مىقتاردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:تۇخۇمنى پىشۇرۇپ سىركىگە چىلاپ قويۇلىدۇ.

شىپالىق رولى:قەنىتنى تىزگىنلەش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە كەچتە 1-2دانە ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

3-رىتسىپ:

تەركىۋى:چىگىت مېغىزى 12گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى سوقۇپ قايناقسۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ.

شىپالىق رولى:بەدەننى قۇۋەتلەش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ھەر كۈنى ئەتىگەندە سۇزۇپ مۇۋاپىق مىقتاردا ئىچكۇزۇلىدۇ.

4-رىتسىپ:

تەركىۋى:ئاچچىق ئانار سۇيى مۇۋاپىق مىقتاردا.

شىپالىق رولى:ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىچكۇزىلىدۇ.

5-رىتسىپ:

تەركىۋى:غورا سۇيى مۇۋاپىق مىقتاردا.

شىپالىق رولى:ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىچكۇزۇلىدۇ.

6-رىتسىپ:

تەركىۋى:جۇزە سۇيى مۇۋاپىق مىقتاردا.

شىپالىق رولى:ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە ئۇسسۇزلىقىغا ئىچكۇزۇلىدۇ.

7-رىتسىپ:

تەركىۋى:نوقۇت مۇۋاپىق مىقتاردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:نوقۇتنى سۇدا پىشۇرىمىز.

شىپالىق رولى:ئۇزۇقلۇق قۇۋەتلەش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

8-رىتسىپ:

تەركىۋى:ئەركەك پاقلان گۆشى،ئوغلاق گۆشى،كۆك كەپتەر گۆشى،چۇجە گۆشى.

تەييارلاش ئۇسۇلى:يۇقارقىلارنىڭ قايسىسى بولسا كاۋاپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:بەدەننى قۇۋەتلەش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

8-رىتسىپ:

تەركىۋى:ئۇسۇڭ ئۇرىغى،ھۆل خەشخەش،قىزىلگۈلنىڭ سېرىق چېچىگى،قۇرۇق يۇمغاقسۇت ئۇرىغى،قۇرتۇلغان سېمىز ئوت ئۇرىغى مۇۋاپىق مىقتاردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى قاينىتىپ سۈيى ئېلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش تۇتۇش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىچكۇزۇلىدۇ.

10-رىتسىپ:

تەركىۋى:نىلۇپەر گۈلى، بىنەپشە گۈلى،قىزىلگۇل،ئالما يۇپۇرمىقى، بىھى يۇپۇرمىقى،سۆگەت يۇپۇرمىقى مۇۋاپىق مىقتاردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:يۇقارقى دورىلاردىن قايسى بولسا شۇنىڭدا كۆرپە ياسىلىدۇ.

شىپالىق رولى:ھارارەت پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە ئاستىغا سېلىپ ياتقۇزۇلىدۇ.

11-رىتسىپ:

تەركىۋى:قاپاق ئۇرىغى 100گىرام،سۇ 300مىللىلىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى؛قاپاق ئۇرىغىقىنى سۇدا قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش،بەدەننى قۇۋەتلەش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

12-رىتسىپ:

تەركىۋى:قەلەمپۇر،ئاقىرقەرھا،ھەببۇلئاس،ئىزخىر،ئاسارۇن،بالادۇر.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:چىش مىلىكىنى چىڭىتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2-3قېتىم ئېغىز چايقىلىدۇ.

13-رىتسىپ:

تەركىۋى:مورمەككى، سەمىغى ئەرەبى 3گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۇرلىدۇ.

شىپالىق رولى:جىنسىي يول قىچىشش ،ئېچىششقا شىپا بولىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم جىنسىي يولغا 3-4تامچىدىن تېمىتىلىدۇ.

14-رىتسىپ:

تەركىۋى:ئاق سەندەل، ئانارگۈلى،ئاقاقىيا،گىل ئەرمىنى،ئارپا ئۇنى مۇۋاپىق مىقتاردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەرقى گۈل ياكى كاسىنە سۇيىدە زىمات تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئاغرىق پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:بەل ساھەسىگە زىماد قىلىنىدۇ.

15-رىتسىپ:

تەركىۋى:ئاق سەندەل،قىزىل سەندەل، قىزىلگۇل 12گىرامدىن، ئىسپىغۇل 9گىرام،گىلى ئەرمىنى،ئانارگۇلى 6گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى ئايرىم-ئايرىم سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇپ سېمىز ئوت ئۇرىقى شىرىسى،ئوسۇڭ ئۇرىغى شىرىسى ياكى ئەرقى گۈلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇقراق خېمىر قىلىمىز.

شىپالىق رولى:ئاغرىق پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:بەلگە چېپىلىدۇ.

16-رىتسىپ:

تەركىۋى:شاقاقۇل مىسرى 50گىرام،سۆئىلەپ مىسرى 20گىرام،قارا چاي 10گىرام،قارا ئۇرۇك 7دانە.

تەييارلاش ئۇسۇلى:سۆلەپ بىلەن شاقاقۇلنى سوقۇپ باشقا دورىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ قايناقسۇدا دەملەيمىز.

شىپالىق رولى:ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ئۇسسۇلىقىغا كۇندە بېرىلىدۇ.

17-رىتسىپ:

تەركىۋى:يۇمغاقسۇت ئۇرىغى،گۈل بىنەپشە،ئاق سەندەل،ئانار پوستى،سەمىغى ئەرەبى،نېلۇپەر،چۆبىچىن 10گىرامدىن، رۇببۇسۇس، تاباشىر، ئىزخىر مەككى 15گىرامدىن،كۆكنار ئۇرىغى 40گىرام،قىزىلگۇل 20گىرام،مېھرىگىياھ،شاقاقۇل مىسرى، سۇماق ،كەتىرا 10گىرامدىن،موزا 5گىرام،زەپەر 3گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئاچچىق ئانار سۇيىدە نوقۇت چوڭلىقىدا ھەب ياسىلىدۇ.

شىپالىق رولى:يۈقىرى قان بېسىم،قان تۇمۇر قېتىمش بىللە كەلسە.

ئىشلىتىش ئۇسۇلىلاكۇندە 3قېتىم 6گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

18-رىتسىپ:

تەركىۋى:كۇنجۇت،ياڭاق مېغىزى،بادام مېغىزى 190گىرام، بەسباسە،جۆيۇز 15گىرامدىن،شاقاقۇل مىسرى،قىزىل بەھمەن،ئاق بەھمەن 30گىرامدىن،سۆئىلەپ مىسرى،ئارپا بەدىيان 20گىرامدىن، نوقۇت 40گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:مېغىز دورىلارنى قورۇپ باشقا دورىلار بىلەن بىللە سوقۇپ سۇپۇپ قىلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش ،قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 20گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

19-رىتسىپ:

تەركىۋى:خەشخەش پوستى 40گىرام،چۆبىچىن،قارا ھەلىلە 10گىرامدىن، شاقاقۇل مىسرى 17گىرام،پىلە تۆرەلمىسى، ئەنگۇرشىفا 30گىرامدىن،سۇماق 5گىرام،قارا ئۇرۇك 15دانە،ئانار پوستى،تەمرى ھىندى، گاۋزىبان ئۇرىغى 20گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى 1لېتىر سۇغا 24سائەت چىلاپ 500مىللىلىتىر كاشكاپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئاغرىق پەسەيتىش،ياللۇغ قايتۇرۇش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 400مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

20-رىتسىپ:

تەركىۋى:چىلان 45گىرام،سېمىز ئوت ئۇرىغى،يۇمغاقسۇت ئۇرىغى، نوقۇت 25گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ 500مىللىلىتىر سۈيى ئېلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 100مىللىلىتىردىن ئىچكۇزۇلىدۇ.

21-رىتسىپ:

تەركىۋى:تاباشىر،ھەببى بىلسان،كۆكنار ئۇرىغى 3گىرامدىن، ئۇسۇڭ ئۇرىغى،يۇمغاقسۇت ئۇرىغى، ئاق سەندەل، ئانارگۈلى، گىلى ئەرمىنى ، سۇماق،سەمىغى ئەرەبى،پاقا يۇپۇرمىقى 7گىرامدىن، سېمىز ئوت ئۇرىغى 20گىرام،كافۇر 1گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ سېمىز ئوت سۇيى بىلەن قۇرۇس قىلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرۇش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 5دانىدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

22-رىتسىپ:

تەركىۋى:ئاق سەندەل،ئانارگۇلى،ئاقاقىيا،گىلى ئەرمىنى،ئارپا ئۇنى 15گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئوسۇڭ سۈيىدە زىماد تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:بەل ئاغرىقىنى پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:بەلگە تېڭىلىدۇ.

23-رىتسىپ:

تەركىۋى:قىزىلگۈل15گىرام،ئانار گۈلى 6گىرام،ھۇمماز ئۇرىغى 15گىرام،تاباشىر،ئوسۇڭ ئۇرىغى،سېمىز ئوت ئۇرىغى،يۇمغاقسۇت ئۇرىغى 6گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى چالا سوقۇپ چايلىق تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ئۇسسۇزلىقىغا دەملەپ ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش

1-رىتسىپ:شەربىتى ئەنجىباھار بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:ئەنجىباھار يىلتىزى ۋە ئۇرىغى، تاتلىق ئانار پوستى ۋە ئۇرىغى 9گىرامدىن، تاباشىر 10گىرام،موزا،كۇندۇر 6گىرام، قىزىلگۇل، كۆكنار پوستى ھەم ئۇرىغى 12گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سۇغا بىر كىچە چىلاپ ئەتىسى قاينىتىپ شەربەت ئېلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:قان توختىتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 20-30مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

2-رىتسىپ:جاۋارىش زەر ئۇنى بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:(بۆرەك ئاجىزلىق كېسەللىكىدە سۆزلەندى)

3-رىتسىپ:قۇرسى گۇلنار بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:ئانارگۈلى،گىل ئەرمىنى،سەلىخە 15گىرامدىن،سەمىغى ئەرەبى، قىزىلگۈل،ھەببۇلئاس 10گىرامدىن،كەتىرا 6گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇپ 2گىرامدىن قۇرۇس ياسىلىدۇ.

شىپالىق رولى:قان توختىتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 1دانىدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

4-رىتسىپ:قۇرسى دىئابىت بىرىلىدۇ.

تەركىۋى:تاباشىر،رۇببۇسۇس 100گىرامدىن،قارا سۇناي ئۇرىغى 200گىرام،سېمىز ئوت ئۇرىغى 150گىرام، قىزىلگۇل، يۇمغاقسۇت ئۇرىغى، گىل ئەرمىنى، ھومماز ئۇرىغى، خۇلىنجان، دارچىن 50گىرامدىن، شاقاقۇل،سۆئىلەپ 100گىرامدىن،ئاقاقىيا،سەمىغى ئەرەبى، كەتىرا،ئاق سەندەل،ئانارگۈلى 20گىرامدىن،كافۇر 10گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇپ ئەرقى گۈلدە 1گىرامدىن ھەب تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:تۇتۇش ،توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 10دانىدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

5-رىتسىپ:سۇپۇپى دىئابىت بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:رۇببۇسۇس،رەۋەن،كەتىرا،خۇنسىياۋىشان،گىل ئەرمىنى، گىل مەختۇم،تاباشىر،كاكىنەچ ئۇرىغى،خەشخەش ئۇرىغى24گىرامدىن، نىشاستە،قاپاق ئۇرىغى مېغىزى،سېمىز ئوت ئۇرىغى 30گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ھۆللۈكنى قۇرىتىش،قەنىت ئالمىششنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 5-10گىرامغىچە ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

6-رىتسىپ:قۇرسى تاباشىر بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:(بۆرەك ئاجىزلىق كېسەللىكىدە سۆزلەندى)

7-رىتسىپ:لوبوبى كەبىر بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:(بۆرەك مىزاجىنىڭ ماددىسىز سوغۇقتىن بوزۇلىشىدا سۆزلەندى)

8-رىتسىپ:ماتىدىل ھايات بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:(بۆرەك مىزاجىنىڭ ماددىسىز سوغۇقتىن بوزۇلىشىدا سۆزلەندى)

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

قەنىت مىقدارى يۈقىرى بولغان،تاتلىق يېمەكلىكلەردىن قەتئى پەرھىز قىلدۇرلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button