ئاشقازان راكىنىڭ 5 تۈرلۈك خەتەرلىك سىگنالى، ئۇ بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟
ئەمەلىيەتتە ئاشقازان مەسىلىسىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئاشقازان ئاغرىقى تارىخىنى ئەسكە ئالىدۇ. گەرچە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاشقازان ئاغرىقى ئادەتتىكى ئاشقازان ياللۇغى بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرى تەرەققىي قىلىپ ئاشقازان راكىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلار ئاز ئەمەس. ئاشقازان يارىسى، يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان مونچاق گۆشى (胃息肉) قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسەللىكلىرى نۆۋەتتە راكنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ ئورتاق ئېتىراپ قىلىندى. بۇ ئاشقازان كېسىلى تارىخى بولغان جەمەتلەر ۋە قايتا-قايتا ئاشقازان ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ چوقۇم ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئازاپلىق پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى چوقۇم ئىسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ: يۇقىرى قورساق قىسمى ئاغرىش: بۇ بولسا ئاشقازان راكىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامىتى. باشلىنىشىدا ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆرۈلىدىغان بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىق بولۇپ، دائىم ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى دېگەندەك دىئاگنوزلار قويىلىدۇ.
2. يۇقىرى قورساق قىسىم بىئارام بولۇش(ساقسىز بولۇش): كۆپ ھاللاردا قورساق كۆپۈش سىزىمى ۋە كۆيۈش سىزىمى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقىتلىق يېنىكلەتكىلى بولسىمۇ قايتا-قايتا كۆرۈلىدۇ.
3. ئىشتىھاسى ناچارلىشىش، كېكىرىش قاتارلىق ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ: تاماقتىن كېيىن قورساق كۆپكەندەك بولۇش ۋە ئاكتىپلىق بىلەن تاماقتىن چەكلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ ۋە ھەمىشە قايتا-قايتا كېكىرىدۇ.
4. قانلىق تەرەت ۋە چوڭ تەرىتىدە يۇشۇرۇن مۇسبەت قان بولۇش (大便潜血阳性): ئەگەر قان دۇفۇسى (血豆腐) يېمىگەن ۋە بىسمۇت رېئاكتىپى قاتارلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلمىغان ئەھۋال ئاسىتىدا چوڭ تەرەت يەنىلا قارىداپ قالسا، بالدۇرراق بېرىپ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.
5. كەم ماغدۇر، ياداپ كېتىش ۋە كەم قانلىق: بۇ بولسا بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان لېكىن خاس بولمىغان بىر خىل ئاشقازان راكىنىڭ ئالامىتى. بىمار دائىم ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق ۋە ھەزىم قىلىش يولى قاناش سەۋەبىدىن چارچاش بوشاپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئاشقازان ئاغرىش، ئاشقازان تەرەپ ساقسىز بولۇش ياكى ھەزىم قىلش يولى ساقسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن چاغدا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ ھەزىم قىلىش بۆلۈمىدە ئاشقازان ئەينىكى ياكى تەجرىبىخانا تەكشۈرتۈشى ئېلىپ بېرىپ، كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىق قىلىۋېتىش كېرەك. كېسەل قوزغىلىشتىن ئىلگىرى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئەڭ دانا ئادەملەرنىڭ ئىشىدۇر.