ئىچكى ئەزايىمىز بۆرەكنى قانداق ئاسرىشىمىزنى كېرەك؟
بۆرەكنى ئاسراش:
بۆرەك ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم چىقىرىش ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، تۈزۈلۈشىمۇ ناھايىتى نازۇك ۋە مۇرەككەپ. بۆرەكنىڭ ئومۇمىي بەدەندىكى قالدۇق سۇيۇقلۇقلارنى ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى سۈزۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ،
بۇنىڭ خىزمىتىدە چاتاق چىقسا ئادەم بەدىنىدە سۈيدۈك بىلەن زەھەرلىنىش ۋە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، ئىستىسقائى لەھمىي كېلىپ چىقىدۇ. بۆرەككە مەئدەن جىنسلىق نەرسىلەر، مەسىلەن: سىماب، گۈڭگۈرت، تۇز قاتارلىق نەرسىلەر غەيرىي نورمال ھالدا تەسىر قىلسا، بۆرەك توقۇلمىلىرىنى بۇزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.يىغىنچاقلىغاندا:
1) ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش؛ ئىسسىقىلىق كەيپىيات بۆرەك توقۇلمىلىرىنىڭ ئىنچىكە تۈزۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۆرەكنىڭ سۈزۈش ھأجەيرىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ. بۆرەككە ئىسسىق كەيپىيات تەسىر قىلسا بۆرەكنىڭ ھۆل سوغۇق مىزاجىغا تەسىر يەتكۈۈپ بەلغىمى شورنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەلغىمى شور ھۆل سوغۇق ئەزا كېسەللىكىنىڭ ئامىلى. سوغۇق كەيپىيات- بۆرەكنىڭ سەزگۈچى پەردىلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىغى نۇرمالدىن ئېشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە قان بېسىمى يۇقۇرى- تۆۋەن بولۇش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپۈنچە قان بېسىم چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قان بېسىمنى تەكشۈرۈش بىلەن بۆرەك كىسىلىگە دىئاگنۇز قويغىلى بولمايدۇ. (2) بۆرەكنىڭ سۈيدۈك چىقىرىپ تۇرۇش پائالىيىتىنى ۋاقتىدا بىجىرىپ تۇرۇش كېرەك. بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجىرتىش پائالىيىتى ئۈزلۈكسىز بولىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك پائالىيىتى ۋاقتىدا بولمىسا كىتونلۇق ماددىلار يېغىلىپ قېلىپ بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ھەر خىل بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەم بەدەننىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. (3) سۈيدۈك مىقدارىنى كۆپەيتكۈچى ۋە شۇنداقلاجىنسىيەتنى قۇۋەتلىگۈچى كۆڭۈلنى ئاچقۇچى دورا- دەرمەكلەرنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. يەنى سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە سۈيدۈك كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چىقىرىش بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن ئەسلى نورمال ھالىتىدىن ئارتىپ، بۆرەكنىڭ نورمال ھالەت بۇزۇلۈش بىلەن بىرگە كېرەكلىك تەركىپمۇ چىقىپ كېتىپ، بەدەن ئىچىدىكى مۇۋازىنەت بۇزىلىدۇ. (4) يىمەك- ئىچمەكنىڭ تەركىبىگە دىققەت قىلىش تۇز تەركىپلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك.