ئۇزاق مەزگىل يانچە يېتىپ ئۇخلىسا بۆرەك تېشى پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن
ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا ئۇزاق مەزگىل يانچە يېتىپ ئۇخلىسا شۇ تەرەپتىكى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشچە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشى بەزى بۆرەك مەنبەلىك ماددا ئالمىشىش نورمالسىزلىنىش ھەمدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن D نىڭ سۈمۈرۈلىشى تاشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل ئىكەن. ئەمما، بۆرەك تېشىنىڭ كونكىرېت شەكىللىنىش سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
ئامېرىكىنىڭ سان فىرنسېسكو مەكتىپىدىكى Marshal.L Stoller دوكتور ھەمدە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى 110 نەپەر بىر تەرەپتىكى بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغان بىمارلارنى تاللاپ 2 يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە 93 نەپەر بىر تەرىپىنى بېسىپ ياتىدىغان بىمارلارنىڭ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغانلىقى بايقالغان. بۇ تەتقىقات 4-ئايدا نەشىردىن چىققان سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى تاشقى كېسەللىكلەر ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر سۈيدۈكنىڭ تەركىبى تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋبى بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا تاش ئىككى بۆرەكتە پەيدا بۇلۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما نەتىجە بۇنداق ئەمەس. بۇ ئۇخلاش قىياپىتىنىڭ بۆرەك قان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى بۆرەك قان ئايلىنىشنى ۋاقىتلىق ئاستىلاش بۆرەكنىڭ ماددىلارنى تازىلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
Stoller دوكتۇر، ئۇخلاش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش بۆرەك تېشى قايتا پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. ئۇ ئۇخلاش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىكى بۆرەك تېشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەكلىپى بېرىدۇ.