ئىچكى كېسەللىكلەر

بۆرەكتىكى تاشنى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى بىلەن داۋالىغان ياخشىمۇ ياكى غەرب تېبابىتى دورىسى بىلەن داۋالىغان ياخشىمۇ؟

مەندىن نۇرغۇن بىمارلار مۇشۇ سۇئالنى سورايدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىسى تېبابەتنىڭ كىشىلەر ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بەزىلەر چەتئەلنىڭ دورىسىغا قارىغۇلارچە چوقىنىدۇ. توغرا غەربلىكلەرنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭكىدىن يۇقىرى، لېكىن دورا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تېبابەت ئالىمى ئابدۇلھېمىت يۈسۈپ ھاجى مۇنداق دەيدۇ، «ئىنسان قايسى مۇھىت، قايسى ماكاندا ياشىغان بولسا ئۇنىڭغا شۇ مۇھىت، شۇ ماكاندا ئۆسكەن دورا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ» بەزى بىمارلار مۇنداق سوئال سورايدۇ، ئۆتكەندە ياپونىيىنىڭ دورىسىنى بەك ماختىغان ئىدى ئىشلەتسەم تاش چۈشمىدى، دەيدۇ، توغرا ياپونىيىنىڭ دورىسى دەسلەپتە ئىشلەتكەندە ياپونىيىدە سىناق قىلىنىدۇ، شۇ يەردىكى بىمارلارنىڭ بۆرىكىدىكى تاشنى تولۇق چۈشۈرسە ئۈنۈمى ياخشى دەيدۇ، لېكىن ئۇنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇشى ناتايىن، چۈنكى ياپونىيىدىكى كىشىلەر بىلەن شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى، ياشىغان مۇھىتى، بەدەن ساپاسى دېگەنلەر ئوخشاپ كەتمەيدۇ، شۇڭلاشقا بىمارلار چەتئەلنىڭ دورىسىغا چوقىنىدىغان، قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ياخشى دەيدىغان خاتا قاراشنى تۈزىتىشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button