ئىچكى كېسەللىكلەر

ئاسان سېزىۋالغىلى بولمايدىغان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش بېشارەتلىرى

ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش: ئادەتتىكى ئاشقازان ئاغرىش بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلغان ئاشقازان بىئارام بولۇشتا سانجىپ ئاغرىش ۋە قاتتىق ئاغرىش ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. پەقەت قورساق كۆپكەندەك بولۇپ بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. بەزىدە يەنە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسقۇسى كېلىدۇ.
تۆۋەندىكى ئېڭەك ئاغرىش: ئاغرىق سېزىمى تۆۋەنكى ئېڭەكنىڭ ئىككى تەرىپىگە تارقىلىدۇ. بەزىدە ھەتتا بويۇننىڭ بىر تەرىپى ياكى ئىككىلا تەرىپى ئاغرىيدۇ.
بىلەك ۋە مۈرە ئاغرىش: ئادەتتە سول بىلەك ۋە سول مۈرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى كۆپ كۆرۈلسىمۇ، لېكىن قاتتىقراق ئاغرىغاندا ئوڭ بىلەككىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئاغرىش بەك قاتتىق بولمايدۇ، كۆپىنچە ئالدى بىلەكنىڭ ئىچى تەرىپى ئاغرىيدۇ.
نەپەس جىددىيلىشىش: بەزى يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدا ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا يەنە نەپەس جىددىيلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل نەپەس قىيىنلىشىشنى كىشىلەر دائىم «تىنالماي قېلىش» دېيىشىدۇ.
ھارغىنلىق ھېس قىلىش: تېزرەك مېڭىپ ھاسىرىغاندىن كېيىن، بىماردا ئېغىر ھالسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بەدىنىنى تۈزلىيەلمەي قالىدۇ. ھارغىنلىق بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى بىلەن چەكلەنمەستىن، پۈتۈن بەدەندە كۆرۈلىدۇ.
غەيرىي سېزىم كۆرۈلۈش: تەخمىنەن 20% يۈرەك كېسىلى بىمارىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى بىر «تىنچ» دەۋر بولىدۇ. يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىنغان نۇرغۇن بىمارلار يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى بەدىنىدە بىر خىل غەيرىي سېزىمنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button