نېمە ئۈچۈن يۈرەك مۇسكۇلى قان يېتىشمەسلىككە باشقا ئورگانلارغا قارىغاندا سەزگۈر بولىدۇ؟
يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قانغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. يۈرەكنىڭ ئېغىرلىقى پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 200/1 گە تەڭ كەلگەن بىلەن، يۈرەكنىڭ قانغا بولغان ئېھتىياجى يۈرەك سىقىپ چىقارغان قاننىڭ بەش پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئوكسىگېنگە بولغان ئېھتىياجى پۈتۈن بەدەن توقۇلمىلىرىنىڭ ئوكسىگېنگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ساغلام ھالەتتە ئادەتتىكى توقۇلمىلار ئارتېرىيە قېنىدىكى ئوكسىگېننىڭ 20 پىرسەنتىنى شۇمۈرۈۋالسا، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېننى شۈمۈرۈش دەرىجىسى 70 پىرسەنتكە يېتىپ بارىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى كۈچەيگەنسېرى، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى داۋاملىق يۇقىرىلايدۇ. نەتىجىدە تاجسىمان تومۇر ئورۇن بېسىش خاراكتېرلىك كېڭىيىپ، قاننىڭ ئېقىش مىقدارى يۇقىرىلاش ئارقىلىق يۈرەك مۇسكۇلىنى ئوكسىگېن بىلەن تولۇق قامدايدۇ. ئەگەر تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىدەك قېتىشىپ تارىيىپ قالغان بولسا، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەيدۇ. نەتىجىدە يۈرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ.