ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى

چوڭلارنىڭ كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىشى كېسەللىكنىڭ ئالامىتى

كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىدىغان ئەھۋال چوڭلاردىمۇ، بالىلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. بالىلاردىكىسى نورمال ئەھۋال بولۇپ، داۋالاش ھاجەتسىز. لېكىن چوڭلاردىكىسىنى داۋالاتمىسا بولمايدۇ.
چىش ئالمىشىش مەزگىلىدىكى بالىلار چىشىنى غۇچۇرلىتىدىغان ئادەت بار. بۇ چىش ئالمىشىش تاماملانغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. لېكىن چوڭلارنىڭ كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىشى بىر خىل كېسەل، يەنى «چىش غۇچۇرلىتىش كېسىلى» دۇر. سىتاتىستىكىغا  ئاساسلانغاندا 1/3 قىسىم چىش كېسىلى بىمارلىرىدا «چىش غۇچۇرلىتىش كېسىلى» بولىدىكەن. بۇخىل كېسەلدە ئوتتۇرىدىكى چىشلار قىسقىراپ كېتىدۇ، ھەتتا نورمال چىشنىڭ يېرىمىچىلىك بولۇپ قالىدۇ. چىشنى غۇچۇرلاتسا چىش يۈزىدىكى چىش ئېمالىنى ئۇپرىتىدىغان بولغاچقا، چىش ئېچىلىپ قېلىپ، ئىسسىق، سوغۇق، تاتلىق، ئاچچىق ياكى قاتتىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، زىيادە سېزىمچانلىق ھاسىل قىلىپ ئاغرىدۇ، ئېغىر بولغاندا چىش يىلىكى ياللۇغلىنىش، چىش يۈزى زەخىملىنىش، چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرى زەخىملىنىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بالدۇرراق داۋالىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button