ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى
ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن
ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە ، ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئېغىزنى پاكىز سۇ بىلەن چايقىۋەتسە ياخشى بولىدىكەن . ئالدى بىلەن ئېغىزنى پاكىز سۇ بىلەن چايقىسا ، چىش ئارىلىقى ، چىش مىلىكى قاتارلىق ئورۇنلاردا قېلىپ قالغان يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ۋە شىلىمشىق نەرسىلەر تازىلىنىپ ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى بىلەن ماسلىشىش شارائىتى يارىتىلىدۇ . ئاندىن ئېغىزنى ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى بىلەن بىر مىنۇت چايقىسا ، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش ، مىكروب يوقىتىش ، چىشنى مۇستەھكەملەش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ؛ ئاخىرىدا ، يەنە ئېغىزغا پاكىز سۇ ئېلىپ چايقىۋەتسە ، ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقىنىڭ قالدۇقىنى پاكىز چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ .